• گۈزەل سوڭ خيېكيونىڭ تويدىن كېيىنكى ئوبراز ۋەكىلى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:30
  • گۈزەل سوڭ خيېكيونىڭ تويدىن كېيىنكى ئوبراز ۋەكىلى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

    سوڭ خيېكيونىڭ ئەڭ يېڭى ئوبراز ۋەكىلى سۈرىتىمۇ ئاۋۋالىقدەكلا گۈزەل بولۇپ، نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى ئېلان سۈرىتىدىن قىلچىلىك پەرقلەنمەيتتى. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان بۇ چولپان ئەڭ ئاۋۋال «رومانتىك داچا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن بۇرۇنقىمۇ «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت»، «مېمھانسارايغا مۇھەببەت» ناملىق ئەسەرلەردىكى جەلپ قىلىش كۈچىنىمۇ سەل چاغلىغلى بولمايدۇ. 

    بۇ ئېلان سۈرىتىدىكى سوڭ خيېكيو قولىدا كۆتۈرۋالغان قۇتىنى ناھايىتى تەبئىيلا مۈرىسىگە قىيساتقان بولۇپ، خۇددى مۇلايىم ئاققۇدەكلا لاتاپەتلىك كۆرۈنۈپ كەتكەنىدى.

    سوڭ خيېكيونىڭ مەيلى ئوبراز ۋەكىلى سۈرىتى بولسۇن مەيلى تۇرمۇش سۈرىتى بولسۇن، مەيلى گىرىم قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن ۋە ياكى سوڭ جوڭكى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن بولسۇن، دەسلەپكى ھالىتىدە قىلچىلىك ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇنىڭ مەيلى «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت»تىكى كىشى يۈرىكىنى ئېزىدىغان، ئاددىي-ساددا پياۋ ئىنشى بولسۇن ياكى «رومانتىك داچا»دىكى ئوماق خەن جىئېن بولسۇن، چىرايى باشتىن-ئاخىرى ئۆزگىرىپ باقمىدى. ھەتتا يولدىشى سوڭ جوڭكى بىلەن ئىشلىگەن «قۇياش ئەۋلادى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىمۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ياش پەرقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

    بۇ ئۇنىڭ توي قىلغاندا چۈشكەن سۈرىتى، ئۇچىسىغا تويلۇق كۆينەكنى كىيىپ، سۆيگەن يارىنىڭ يېنىدا تۇرغان سوڭ خيېكيونىڭ چېھىرىدىن تەبەسسۇم كەتمىگەن بولۇپ،  ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇھەببەتكە ياتلىق بولغان ئايال.

    سوڭ خيېكيونىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان سۈرەتلىرىنى قانچە كۆرسەكمۇ زېرىكمەيمىز شۇنداقمۇ؟ 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك