• 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى كۆپ يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:03
  • 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى كۆپ يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

     مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار قۇرۇلۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىغا قارىتا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى كۆپ يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، رېلىسلىق قاتناش 2-لىنىيەسى جۇڭچياۋ بېكىتى ۋە 4-لىنىيەسى تەييۈەن يولى بېكىتى، تېجىن ئارىلىق رايونىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىدە سۇ تۇرۇبىسىنى تۇتاشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10:00دىن 4-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 10:00 غىچە ساي يولى، قارلىغاچلىق يولى، جەنۇبىي داۋان يولى، تەڭرىتاغ يولى، غالىبىيەت يولى، شەرقىي ئايلانما يولى، جەنۇبىي شىنخۇا يولى، شىمالىي شىنخۇا يولى، جەنۇبىي تىنچلىق يولى، شىمالىي تىنچلىق يولى، خەلق يولى، يېڭى شەھەر يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى، شىمالىي ئازادلىق يولى، جۇڭشەن يولى، دېموكراتىيە يولى، نۇرلۇق يولى، ساغلاملىق يولى، شەرق شامىلى يولى، قىزىلتاغ يولى، قىزىلتاغ سۇ ئۈزۈش سارىيى، تارباتاي ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، غەربىي شىخۇڭ يولى (دوستلۇق يولىدىن ساي يولى بۆلىكىگىچە)، شىنشىڭ كوچىسى، ۋاڭجيالياڭ، يېڭى دېموكراتىيە يولى، غەربىي يېڭى دېموكراتىيە كوچىسى، شەرقىي شىخۇڭ يولى، جەنۇبىي يىكەنكۆل يولى، شىمالىي يىكەنكۆل يولى، شەرقىي باجياخۇ كوچىسى، تيەنجىن يولى، خېنەن يولى، بېيجىڭ يولى ياقىلىرىدا سۇ توختايدىكەن.

    بۇنىڭدىن سىرت، شەرقىي يىكەنكۆل يولى، غەربىي يىكەنكۆل يولى، شىمالىي بەش يۇلتۇز يولى، كۆرگەزمە يولى، غەربىي ئارىشاڭ يولى، شەرقىي قەشقەر يولى، غەربىي قەشقەر يولى، شەھەر شىمالىي غول لىنىيەسى، مەركىزىي چوڭ يول بويلىرىدا مۇشۇ سەۋەبلىك سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى سۇ توختايدىغان يول ياقىلىرىدىكى ئاھالىلەرگە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى. ناۋادا ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00