• كىرىستىيانو رونالدو ھازىرمۇ كونا قىز دوستى ئىرىنانى ياخشى كۆرىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:57
  • كىرىستىيانو رونالدو ھازىرمۇ كونا قىز دوستى ئىرىنانى ياخشى كۆرىدۇ

    ئەنگلىيە تاراتقۇسى «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرىستىيانو رونالدو دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ سابىق قىز دوستى ئىرىنانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

    كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئىرىنا 2010-يىلى تونۇشقان، ئەمما 2015-يىلى ئىككەيلەن بەش يىلغا سوزۇلغان مۇھەببەت سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى. يېقىندا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىر دوستى ئۇنىڭ ھازىرمۇ ئىرىنانى ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىرىستىيانو رونالدونىڭ دوستى مۇنداق دېگەن: «كىرىستىيانو رونالدو ھازىرمۇ ئىرىنانى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەينى يىلىدىكى ئايرىلىش ئۇسۇلىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدۇ، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئىرىنانىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.»

    ئىگىلىنىشىچە، كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئىرىنانىڭ ئايرىلىپ كېتىشتىكى سەۋەبى ئىرىنانىڭ بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى بولۇپ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدو ئەينى ۋاقىتتا چوڭ ئوغلى سانتوس بولغاچقا، بارلىق زېھنىنى مۇسابىقە مەيدانىغا قاراتماقچى بولغان. كىرىستىيانو رونالدونىڭ دوستى: «كىرىستىيانو رونالدو ئىرىنانىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، ئۇ ھازىر ئىرىنا بىلەن برادلېي كوپېرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھەسەت قىلىدۇ.» (ئىرىنا ھازىر برادلېي كوپېر بىلەن بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى)

    2016-يىلى 11-ئايدا، كىرىستىيانو رونالدو ئىسپانىيەلىك مودېل جورجىنا بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىككەيلەن بۇلتۇر 11-ئايدا بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك