• 70% كېسەل كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك

  • يوللىغۇچى : 1411
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:56
  • 70% كېسەل كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك

    سىتاستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنىڭ تۈرى 200 خىلدىن ئاشىدىكەن، %70 ئادەمنىڭ كېسەل بولۇشى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا كېسەل بولۇشنى خالىمىسىڭىز كەيپىياتىڭىزنى ياخشى كونترول قىلىڭ.

    كەيپىيات بەدەننىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى. 

    ھازىر كىشىلەر «چارچىدىم» دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ قىلىدۇ. تۇرمۇش بېسىمى نۇرغۇن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى بۇزماقتا. گەرچە بىز بىر قىسىم كەيپىياتلارنى بايقىمىغان بولساقمۇ، ئەمما بەدىنىمىز ئاللىبۇرۇن «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» چىقىرىپ بولدى. 

    كەيپىيات ئۆزگەرگەندە بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، ئادەم قاتتىق قورققاندا كۆز قارىچۇقى چوڭىيىپ، ئۇسسايدۇ، قاتتىق تەرلەيدۇ، چىراي تاتىرىپ كېتىدۇ؛ كەيپىيات چۈشكۈن ياكى جىددىي بولغاندا ئادەم ئۆزىنىڭ تەقى-تۇرقىدىن بىزار بولۇپ، قانداقلا كىيىم كىيسە، قانداقلا تارىنىپ، گىرىم قىلسا ياراشمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئارقىدىن، چېچى، بۇرۇن لىپىلدىقى مايلاشقانلىقىنى، بىزارلىق ھېس قىلىپ تەرلەۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ھەتتا ئاستىنقى بەدەندىن غەيرىي ماددا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى مەيلى ئاكتىپ كەيپىيات بولسۇن، مەيلى پاسسىپ كەيپىيات بولسۇن، ئۇزۇن ۋاقىت مەلۇم خىل كەيپىياتتىن ئۆزىنى تارتالمىغاندا ساغلاملىققا زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات ئوخشاش بولمىغان كېسەل پەيدا قىلىدۇ.

    ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات ئوخشاش بولمىغان كېسەل پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، قورقۇنچ، جىددىيلىك قورساق ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ؛ تەنقىدلىنىش، ئۆكۈنۈش بوغۇم ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ؛ بېسىم زىققا كېسىلى پەيدا قىلىدۇ؛ دائىم ئاچچىقلايدىغان ئادەملەرنىڭ ئاسانلا ئاغزى پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئاسانلا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولىدۇ؛ قورقۇنچ يەنە ماشىنىدا باش قېيىش، ئادەت ئاغرىتىپ كېلىشكە سەۋەب بولىدۇ.

    ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى ئادەتتە كەيپىياتنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەزا دەپ قارىلىدۇ، ئۇلار پىسخىكىدىكى كىچىككىنە داۋالغۇشنىمۇ بىلىۋالىدۇ. روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللەر ئارىسىدا ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، دۇنيادىكى تەخمىنەن %10 ئادەم ئاشقازان يارىسى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بولۇپ باققان. كۆپىنچىمىز مۇنداق بىر ئىشنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان: جىددىي ئەھۋالغا يولۇقساق ئاشقازىنىمىز ئاغرىيدۇ ياكى ئىچىمىز سۈرىدۇ، بېسىمىمىز ئارتىپ كەتكەندە تاماق يېگۈمىز كەلمەيدۇ. شوپۇر، ساقچى، مۇخبىر، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ ئاشقازان يارىسى بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.

    2-ئورۇندا تۇرىدىغىنى تېرە. نۇرغۇن ئادەم جىددىيلەشكەندە بېشى قىچىشىدۇ، ئىچى تىتىلدىغاندا بېشىدىكى كېپەك كۆپىيىدۇ، ئۇخلىيالمىغاندا چېچى چۈشىدۇ، يەنە تېخى تۇيۇقسىز ئۇرتىكارىيە، ھۆل تەمرەتكە، دانىخورەك چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرى.

    3-ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى. ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى، سۈت بېزى، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى ئاسانلا ناچار كەيپىياتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.

    كلىنىك مېدىتسىنا تەتقىقاتلىرى زۇكاندىن تارتىپ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە راكقىچە بولغان ھەممە كېسىلنىڭ كەيپىياتتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روھىي جەھەتتە تۈرلۈك زىددىيەت، بېسىمغا ئۇچرىغان، دائىم ئەنسىرەپلا ياكى خاپا تۇرىدىغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئاسان زۇكامداپ قالىدۇ، جىددىيلەشسىلا گېلى ئاغرىيدۇ؛ جىددىيلەشكەنلەرنىڭ بېشى ئاغرىپ، قان بېسىمى يۇقىرىلاپ ئاسانلا يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسىلى بولۇپ قالىدۇ؛ دائىم ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىدىغانلارنىڭ راك كېسىلى بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

    بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدىغان يەتتە خىل كەيپىيات:

    1. ئاچچىقلاش:

    «بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈردى!» بۇ كىشىلەر ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز. ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يوقىلاڭ بىر ئىش ئۈچۈن چېچىلىش، قورساق كۆپۈكى، ئەلەم، قېيداش ۋە ئاچچىقلاشتىن ئىبارەت بەش خىل ھالەت ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەدەندە «ناچار ئىز» قالدۇرىدۇ. ئاچچىقلانغاندا چىراي تاتىرىپ، لەۋ كۆكىرىدۇ، قول-پۇت مۇزلايدۇ، ۋاقىت ئۇزارسا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ئەزالاردا كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ سالامەتلىكى ناچار ياشانغانلار ئاچچىقلانغاندا قان بېسىمى تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ ئاسانلا مېڭىگە قان چۈشۈش، يۈرەك كېسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا قىلىدۇ.

    ئاچچىقنى كونترول قىلىش دورىسى: ئاچچىقلىنىشتىن ئىلگىرى كۆزنى يۇمۇپ كۆز ئالدىغا «ئاچچىقلاش» (怒) دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتنى كەلتۈرۈش. «ئاچچىقلاش» ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى قۇل قىلىش دېگەنلىك. بۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە كەيپىياتنىڭ قۇلى بولماسلىقنى ئەسكەرتىش كېرەك. ئاچچىقلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە قارىغۇلاچە قارار چىقارماسلىق كېرەك.

    2. قايغۇرۇش:

    «يۈرەككە ئەڭ ئېغىر زىيان سالىدىغىنى قايغۇرۇش.» يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى «كۆڭلى غىزانىمۇ خالىماسلىق»، «ئاچچىقنى ھاراقتىن چىقىرىش»نىڭ زىيادە قايغۇرغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىنىڭ سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى كۆپ مىقداردا ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئارتېرىيە تومۇرىنى قىسقارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىدۇ. ئادەم قايغۇرغاندا نەپىسى جىددىيلىشىدۇ، ھەتتا يىغىدىن ئۈنى پۈتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆپكە ئاسانلا زەخمىلىنىدۇ.

    قايغۇرۇشنى تىزگىنلەش چارىسى: قايغۇرغاندا ئامال بار چىرايغا كۈلكە يۈگۈرتۈش كېرەك. بۇنداق «پىسخىكىلىق ساختا ھەرىكەت»نىڭ ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىشكە پايدىسى بار؛ «خۇشال ئەسلىمە ئۇسۇلى»دىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن خۇشال ئىشلارنى ئويلاپ دىققەتنى چېچىش ھەم كۆڭلى يېرىم ۋاقىتتا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش كېرەك.

    3. قورقۇنچ:

    «ئاممىۋىي سورۇندا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقۇش، ۋەھىمىلىك فىلىملەرنى كۆرگەندە توخۇ ئەتلىرى ئۆرلەپ چىرقىراپ كېتىش.» كىشىلەر تەھدىتكە يولۇققاندا ياكى يارىلانغاندا تەبىئىيلا قورقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش، ئارامسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، «خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇش» ئەرلەر قورقىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن. ناۋادا ئىزچىل مۇشۇنداق قورقۇش ھالىتىدە تۇرغاندا يۈرەك سېلىپ، نەپەس جىدديلىشىدۇ، ئوي-پىكىر قالايمىقانلىشىدۇ، ھەتتا ھوشىدىن كېتىدۇ.

    قورقۇنچنى تۈگىتىش دورىسى: قورقۇنچ ناھايىتى نورمال پىسخىكىلىق ئىنكاس. بۇنىڭدىن بېسىم ھېس قىلىش ھاجەتسىز. قورقۇپ كەتكەندە ئامال بار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئىشلارنىڭ ئەڭ ناچار نەتىجىسىنى ئويلاش ھەم سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىدە قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ئامىللارنى رەتكە تىزىپ ئۇنىڭغا يۈزلىنىشنى ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ.

    4. مەيۈسلۈك:

     ئىچ مىجەز، ئېچىلالمايدىغان، ئالاقىگە نائۇستا، بىر ئىشلارغا يولۇققاندا چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتى ناچار ... بۇ بىر قىسىم راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. ئۇزۇن مۇددەت مەيۈس ھالەتتە تۇرغاندا ھەددىدىن ئارتۇق ئادرېنالىن ۋە پوستلاق تۈرىدىكى خولېستېرىن ئاجرىلىپ چىقىپ بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بالىلىرىنىڭ يېنىدا تۇرمىغاچقا يالغۇزلۇق ۋە مەيۈسلۈك ئورىۋېلىپ «تېز قېرىپ كېتىدۇ».

    يۈرەكنى ئازادە تۇتۇش رېتسىپى: مەيۈسلەنگەندە قايتا-قايتا ئويلىنىپ مەسىلىنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈش ھەمدە ئاكتىپ روھىي ھالەت پەيدا قىلىشقا تىرىشىش، دوستلار بىلەن ئۇچرىشىپ دىققەتنى چېچىش، شاھمات ئويناش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش بۇ خىل كەيپىياتنى تۈگىتىشتىكى ياخشى ئامال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    5. ئۆچمەنلىك:

    ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى چوڭ، ھەر كۈنى ئۇچرىشىدىغان ئادەملىرى ھەرخىل بولغاچقا ئاسانلا ناچار كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ. قارشىلىشىش كەيپىياتى تەشۋىشلىنىشكە ئۆزگىرىپ، ۋاقىت ئۇزارغاندا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك زىيانغا ئۇچرايدۇ. پاسسىپ كەيپىيات ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قارشىلىشىش كەيپىياتى يەنە ۈرەك كېسىلى ۋە زىققا پەيدا قىلىدۇ.

    ھەل قىلىش چارىسى: قارشىلىشىش كەيپىياتىنىڭ %80ىنى يەڭگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا قارشى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكى كۆپلۈكىنى ئويلاش، جەمئىيەت ۋە خىزمەت سورۇنى پىرىنسىپىغا توغرا قاراش، خىزمەتنى كۆپرەك ئويلاش، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بەك كىرىشىۋالماسلىققا تىرىشىش كېرەك. قارشىلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولغاندا يېشىل چاي دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. يېشىل چاي تەركىبىدىكى چاي ئامىنو كېسلاتاسىنىڭ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش، پىكىر يولىنى ئېچىش رولى بار.

    6. گۇمانخورلۇق:

    جۇڭگولۇقلار گۇمانخور كېلىدۇ. ئىشخانىدا ئازراق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرگەندە مەجبۇرلاپ ئۆزى بىلەن باغلىۋالىدۇ؛ يولدىشى بىر نەچچە سائەت كەچ قايتسا ئاياللار دەرھال ئۇنىڭ ئاشنا تېپىۋالغانلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ؛ گۇمانخور كىشىلەر دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، زېرىكىدۇ، ھودۇقۇپ يۈرىدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار ئازراق ئىشنىمۇ ئۇزۇنغىچە تەگەيدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى جىددىيلىشىپ، ئارامسىزلىنىدۇ، ئاخىرىدا پىسخىكىسىدىن چاتاپ چىقىدۇ. يەنە تېخى تۇرمۇشتا خاتىرجەم بولماسلىق ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە سەۋەب بولىدۇ.

    قارشى تۇرۇش تەدبىرى: ئۆزىنىڭ گۇمانخورلۇقىنى ھېس قىلغان كىشىلەر كۈندە بىر ئارتۇقچىلىقىنى خاتىرىلىسە بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، باشقىلار بىلەن يۈزمۇيۈز ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، خاتا چۈشىنىشنى ئازايتىشقا پايدىسى بار.

    7. پەسىل خاراكتېرلىك كونترول قىلالماسلىق:

    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسىق ياز پەسلىدە تەخمىنەن %10 ئادەمنىڭ كەيپىياتى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئاسانلا باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ قالىدىكەن؛ قىشتا مەيۈسلىنىدىغانلار ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن كۆپ بولىدىكەن. بۇ كەيپىيات مەسىلىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «كەيپىيات پەسىل خاراكتېرلىك كونتروللۇقىنى يوقىتىش» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇھىت ۋە كىلىماتقا ئالاھىدە سەزگۈر كىشىلەر تەشۋىشلىنىپ، كەيپىياتى چۈشكەن بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئورگانىزىملارنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىدۇ.

    كەيپىيات تەڭشەش ئۇسۇلى: يازدا يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ قويۇش ئادىتىنى تەڭشەش، يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئارقىلىق ناچار كەيپىياتنى ئۆزگەرتىش كېرەك؛ قىشتا كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، دالا پائالىيىتىگە كۆپ قاتنىشىش، ئاپتاپقا قاقلىنىش، ئۆي ئىچىگە كۆپرەك كۈن چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىشكە پايدىسى بار.

    مەنبەسى :ترڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك