• ئۈرۈمچى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش كەسپى خەلققە قولايلىق يەتتە چوڭ تەدبىرنى يولغا قويدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:18
  • ئۈرۈمچى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش كەسپى خەلققە قولايلىق يەتتە چوڭ تەدبىرنى يولغا قويدى


    4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى شەھەر ئاھالىلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يەتتە چوڭ تەدبىرنى يولغا قويغان. تەدبىرنىڭ مەزمۇنى شوپۇرلۇق ئىمتىھانى، توردا ئالدىن كېلىشىش ۋە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش كەسپىنى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا چۈشۈرۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

        شوپۇرلۇق 3- ۋە 4-تۈر ئىمتىھانى بىر كۈندە ئېلىنىدۇ
        ئىلگىرى شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى 3-تۈر ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ، 10 كۈن ساقلىغاندىن كېيىن 4-تۈر ئىمتىھاننى بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 3-تۈر ئىمتىھاننى توردا ئالدىن كىلىشىش جەريانىدا، 4-تۈر ئىمتىھانى بېرىشكە تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئەگەر 3-تۈر ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتسە ئىمتىھاندىن ئۆتكەن شۇ كۈنى 4-تۈر ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدىكەن، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن شۇ كۈنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قولىغا ئالالايدىكەن.
        يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى توردا ئالدىدىن كېلىشىش ئاسانلاشتى
        نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدە يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كەسپىنى توردا ئالدىن كېلىشىشنىڭ ۋە بېجىرىش ئورنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو لىدوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتوموبىل سېتىۋالغان شەھەر ئاھالىلىرى يېڭى ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئالاقىدار كەسپلەرنى توردا ئالدىن كىلىشىش ئارقىلىق بىجىرسە بولىدىكەن، توردا ئالدىن كىلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ بىۋاسىتە بىجىرسە بولىدىكەن.
        نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ ئارخىبىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئارتۇقچە يول بېسىش ھاجەتسىز
        ئارتۇقچە يول ئاۋارىچىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى كەسىپ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى، شەھەر ئاھالىلىرى نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرىدىلا بىر تۈرلۈك ئارخىپ تۇرغۇزۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلەيدۇ. نۆۋەتتە، بىرلا ئورۇندا نىمكەش ئاپتوموبىلنىڭ ئارخىبىنى تۇرغۇزۇش رەسمىيىتىنى بىجىرگىلى بولىدىغان ئورۇنلاردىن توڭخۇي (通汇) نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى، سەيبوتې (赛博特) نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى ۋە شىنجاڭ خۇالىڭ (华凌) سانائەت سودا گورۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى بار.

        ئادەتتىكى دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرىدە ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش كەسپىنى بېجىرىش قولايلىقلاشتۇرۇلدى
        بۇ يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن تارتىپ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئارام ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرىدىمۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يىللىق تەكشۈرتۈش كەسپىنى بېجىرىدۇ. پۈتۈن شەھەر بويىچە 12 ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدى-كېيىن بولۇپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرتۈش كەسپىنى بېجىرىشىنى باشلىۋەتتى. ھەمدە قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلدى، قىزىق لىنىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.
    قىززىق لىنىيە تېلېفون نومۇرى: 3130232-0991، ھەر كۈنى خەلق ساقچىلىرى توردا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ، جاۋاب بېرىش ۋاقتى سائەت 10 دىن 19 غىچە (خىزمەت كۈنى).
        شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش كەسپى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىگە «ماكانلاشتى»
        ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەربىيەلەش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇشتىن كېيىن، بۇ يىل 4-ئايدىن تارتىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ رەنىسىنى بىكار قىلىش، ئالتە يىل كەچۈرۈم قىلىش، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش، ئالاقە تورى يۈز تۇرا ئىمزالاش قاتارلىق كەسپلەرنى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا بېجىرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى شياۋ دىباڭ ئەتراپىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.
        تور مەشغۇلاتىغا پىششىق ئەمەسلەرگە قولمۇ-قول ئۆگىتىلىدۇ
        شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق كەسپ بېجىرىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى كەسىپ زالى ئالاقە تورى بويىچە سىناق كۆزنەك تەسىس قىلدى، خىزمەتچىلەر شەھەر ئاھالىلىرىگە كەسىپ بېجىرىشنى قولمۇ-قول ئۆگىتىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك