• ھىندىستان فىلىملىرىلا ئەمەس ھەتتا ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ قىزغىن ئالقىشلانماقتا

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-17 02:46
  • ھىندىستان فىلىملىرىلا ئەمەس ھەتتا ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ قىزغىن ئالقىشلانماقتا

    20180416232701707.jpg

    «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىدىن كېيىن ھىندىستان فىلىملىرى بارغانسېرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزدە قويۇلغان «دانگال»(چېلىشچى دادا) فىلىمى بېلەت كىرىمى مۆجىزىسى يارىتىش بىلەن بىرگە ياخشى باھالارغا ئېرىشىشتەك قوش ھوسۇلغا ئېرىشىپ ئوت پىلتىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا ھىندىستان فىلىملىرىدىن سالمانخاننىڭ «بۇرادەر باجرانگى» بىلەن ئىرفان خاننىڭ «باش پەللە» فىلىملىرى دۆلىتىمىز چوڭ ئېكرانلىرىدا قويۇلۇپ، بېلەت كىرىمى يۈز مىليوندىن ئاشتى، كېيىنكى ئايدا ئاكشاي كۇمارنىڭ «ئاسرىغۇچ پالۋان»(Padman) دۆلىتىمىز ئېكرانلىرىدا قويۇلىدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان فىلىملىرىلا ئەمەس ھەتتا ھىندىستاننىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامازون شىركىتى ھىندىستاندا ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىجادىي تىياتىرى «نەپەس»(喘息) ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، بۇ تىياتىر IMDb تورىدا 8.8 نومۇرغا ئېرىشكەن، سېسىق پەمىدۇر تورىدىكى يېڭىلىق دەرىجىسى %93 بولغان.

    «نەپەس» تىياتىرى ئامازوننىڭ ھىندىستاندا «Inside Edge» تىياتىرىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقارغان تىياتىرى بولۇپ، بىر ساقچى بىلەن قاراقچى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. توغرا كېلىپ قالغان يېرى بۇ تىياتىردىكى ئەر باش رولچى ئىلگىرى «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىگە قاتناشقان ماداۋان بولۇپ، ئۇ فىلىمدە ئاتا رولىنى ئېلىپ، ئوغلىنىڭ ئۆپكىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن نەپەس جەھەتتە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بايقايدۇ، Rh مەنپىي قان مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوغلىنىڭ پەقەت يېرىم يىل ياشاش پۇرسىتى قالىدۇ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان قان مەنبەسىگە ئىگە ئەزا تەقدىم قىلغۇچى پىدائىينى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتمايدۇ.

    ماداۋان ئىلگىرى«ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىدا ئامىرخان بىلەن ھەمكارلاشقان

    باشتا نۇرغۇن ئۆلۈم ۋەقەلىرى تاسادىپىيلىق دەپ قارىلىدۇ، بىراق ئامىت ساد رولىنى ئالغان ساقچى كۆپ خىل قاتىللىق دېلولىرىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكىنى بايقايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىغا ئىگە ئەزا تەقدىم قىلغۇچىلار، ساقچى گۇمان قوزغىمايدىغان جىنايەت گۇماندارى Mascarenhas دىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ.

    ئوغلىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەست قىلىشتىن يانمايدىغان بىگۇناھ ئاتا، پۈتۈن ئەس-يادى قاتىلنى تۇتۇشقىلا قارىتىلغان ساقچى، بۇ 8 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا ئامازوننىڭ Prime Video تورىدا كۆرسىتىلدى (جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

    بېرىلگەن باھالار:

    «نەپەس»(Breathe) فىلىمى ئازراق ھىندىستان نۇسخىسىدىكى «ھەقىقىي تەكشۈرۈش» ۋە «فارگو» فىلىملىرىگە ئوخشايدۇ، تۇنجى قىسمىنى كۆرۈپلا ئىختىيارسىز مائۇسنى كېيىنكى قىسمىغا توغرىلايسىز.

    بۇ تىياتىر ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، شۈركىنىشلىك تىياتىرلاردىكى بارلىق ئېلېمېنىتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بۇ ھىندىستان تىياتىرلىرىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلاب، بۇ تىياتىرنى كۆرگىنىڭىزدە بىر سېكۇنت ۋاقتىڭىزنىڭمۇ زېرىكىشلىك ئۆتكىنىنى ھېس قىلمايسىز.

    ناۋادا خەلقئارالىق ئۆلچەمدە بۇ تىياتىرغا نومۇر قويۇشقا توغرا كەلسە 7 نومۇر قويۇشقا بولىدۇ، بىراق باشقا ھىندىستان تىياتىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا 10 نومۇرنى تولۇق قويۇشقا بولىدۇ. مونتازلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىياتىر 8 قىسىم بولۇپ سەل ئۇزۇن بولۇپ قالغان، 5 قىسىمغا قىسقارتىشقا تامامەن بولىدۇ.

     تىياتىرنىڭ كەسمە سۈرەتلىرى:

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك