• چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ سىرى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-18 12:11
  • چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ سىرى

    ھاۋا تەدرىجى ئىللىيدىغان ئەتىيازدا ئادەمنى «باھار ئۈگدىكى» قىينايدۇ، بۇ چاغدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئارزۇسى چۈشتە تازا بىر قېنىپ ئۇخلىۋېلىش بولىدۇ. بىراق توردا ئېقىپ يۈرگەن بەزى قاراشلاردا بىر نەچچە خىل كىشىلەرگە نىسبەتەن چۈشتە ئۇخلاشنىڭ «ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىش» بولىدىغانلىقى ئېيتىلدى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى پىتنى-پاسات ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.

    توردا ئېيتىلغان ماقالىلەردە 65 ياشتىن ئاشقانلار، مېڭە ۋە يۈرەك قان تومۇرلىرىدا مەسىلە بارلار چۈشتە ئۇخلىسا، ئۇلارنىڭ سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدىغانلىقى ئېيتىلدى، بىراق بۇ خىل قاراش خاتا. توغرا ۋە نورمال ئۇخلاش ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى پەيدا قىلمايدۇ، بەلكى ئۇيقۇسىزلىق، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش، شۇنداقلا ئۇيقۇ سىجىللىقى بۇزۇلۇش...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىدىن ئالدىن بېرىلگەن بىشارەت بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن زور.

    قان بېسىم زىيادە تۆۋەن بولسا چۈشتە ئۇخلاشقا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، چۈنكى قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاۋا قانچە ئىسسىق بولسا، تاشقى قان تومۇرلارنىڭ تاشقى غىدىقلاشلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ، بەدىنىدىكى سۇ ۋە ئېلېكتىرولىتلارنىڭ خوراش سالمىقىمۇ زورىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەقىقەت بولۇپ قالىدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان، ھېچ بولمىسا سالقىندىتىش تەدبىرى قوللىنىلغان ئۆيلەردە چۈشلۈك ئۇيقۇغا ياتىدۇ، شۇنداقكەن قان بېسىمنىڭ تۆۋەنلەپ چاتاق چىقىرىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ دېمەك، چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرگە نىسبەتەن پايدىسى بولسا باركى، ھەرگىزمۇ زىيىنى يوق. ئەمما قان بېسىم سەھەر سائەت ئىككى، ئۈچلەردە ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشىدۇ، شۇڭا كەچتە ئۇخلىغاندا قان بېسىمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلماي بولمايدۇ.

    كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمايدىغانلار كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلىسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى چۈشتە ئۇخلىمىغان ياخشى، چۈنكى چۈشتە ئۇزاق ئۇخلاش سەۋەبىدىن كەچتە تېخىمۇ ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ناۋادا كەچتە ئۇخلىيالمىسا، شۇنداقلا «چۈشتە ئۇيقۇ تولۇقلاش» تەدبىرى قوللىنىلىپ بىر، ئىككى سائەت ئۇخلايدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ، يەنى يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش بولۇپمۇ قالىدۇ.

    شۇڭا كەچتە ئۇخلىيالماسلىق ئادىتى بار كىشىلەر كۈندۈزى ئۇيقۇسى كەلگەن چاغدا ئامال بار ئۇيقۇسىزلىق تۇيغۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، قىممەتلىك كەچلىك ئۇيقۇنىڭ جايىدا بولۇشىغا شارائىت ھازىرلىغىنى ياخشى. ئەگەر زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەي قالسا، 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە مۈگدىۋېلىشمۇ ياخشى ئەھۋال. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئۇخلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئادەم ئاسان چارچاپ قالمايدۇ، باش ئاغرىدىغان ۋە ئۇخلىغانسېرى چارچاپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدىغان ئەھۋالدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.

    ئەڭ ئاخىرىدا ئاشكارىلانغان ھەقىقەت شۇكى، «چۈشتە ئۇخلاش ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش» دېگەن بۇ قاراش سېپى ئۆزىدىن بىلجىرلاش، شۇڭا چۈشتە كارىۋاتتا دادىل چىقىپ خاتىرجەم ئۇخلاڭ. (گۈزەلنۇر ئابدۇراھمان تەرجىمىسى)

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك