• بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-19 07:36
  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    خەلق ئاۋىياتسىيەسى سىياسەت، قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يەن مىڭچى خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە ئالاھىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلارنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەلىرىگە ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەپ ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) گە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشلامچىلىق قىلدى، ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە ئورۇن بىرلىكتە ئىمزا قويدى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، يولۇچىلار ئايرودروم ياكى ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرىدا توققۇز خىل قىلمىشنى سادىر قىلسا، ج خ ئورگانلىرى مەمۇرىي جازا بېرىدۇ ياكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، ئۇلار بىر يىل ئىچىدە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەلىرىگە ئولتۇرالمايدۇ.

       «پىكىر» ئاساسلىقى ئالتە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەلىرىگە ئولتۇرۇشى چەكلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ دائىرىسى، ئۇچۇر توپلاش ۋە ئېلان قىلىش، تىزىملىكتىن چىقىرىش، ھوقۇقنى قۇتقۇزۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بەلگىلىمە چىقاردى. «پىكىر»دە، يولۇچىلار ئايرودروم ياكى ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرىدا تۆۋەندىكى توققۇز خىل قىلمىشنى سادىر قىلىپ ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلسە ياكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنسا، بىر يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەلىرىدە ئولتۇرۇشى چەكلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كونكرېت توققۇز خىل قىلمىش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھاۋا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ، قەستەن تارقاتقانلار؛ كىملىكنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ياكى باشقىلارنىڭ كىملىكىنى سۈيئىستېمال قىلىپ، ئايروپىلانغا چىقماقچى بولغانلار؛ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولى، تىزىملاش ئېغىزى (يول) نى توسۇۋالغان، زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، ھۇجۇم قىلغانلار؛ دۆلەتنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىلىرىدە بەلگىلەنگەن خەتەرلىك بۇيۇم، چەكلەنگەن بۇيۇم ۋە تىزگىنلىنىدىغان بۇيۇملارنى خالىغانچە يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ياكى ھاۋالىلىك توشىغانلار؛ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ياكى توشۇشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن يۈك-تاقلارغا دۆلەت بەلگىلىگەندىن باشقا ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى چەكلىگەن، توشۇلۇشى چەكلەنگەن بۇيۇملارنى قەستەن يوشۇرغانلار؛ ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىغا زورلۇق بىلەن چىققان، توسىغان، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەيدەش بۆلىمى، ئۇچۇش يولى ۋە ئايروپىلان سۇپىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن ياكى ھۇجۇم قىلغانلار؛ ئايروپىلان گۇرۇپپىسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى، ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇنقى رەسمىيەت بېجىرىش قاتارلىقلاردا ئاۋىياتسىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جىسمانىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىشقا يول قويغان ياكى تەھدىت سالغانلار؛ زورلۇق بىلەن ئورۇن، يۈك-تاق جازىسىنى ئىگەللىۋېلىپ، ئۇرۇشۇپ، ئۆكتەملىك قىلىپ، ئۆز مەيلىچە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ئەسۋابلىرى ياكى ئاۋىياتسىيە ئەسلىھەلىرىنى قەستەن بۇزۇپ، ئوغرىلاپ،  يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغانلار؛ ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرىدا ئوت ئىشلىتىپ، تاماكا چېكىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلار؛ ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرىدا باشقىلارنىڭ بۇيۇملىرىنى ئوغرىلىۋالغانلار.

        بۇنىڭدىن باشقا، ئادا قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئادا قىلىشنى رەت قىلغان «مۇتتەھەم»لەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. «پىكىر» دە، ئالتە خىل باشقا ساھەلەردە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلارنىڭ ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرىدا ئولتۇرۇشى مەنئىي قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئالتە خىل قىلمىش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئادا قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئادا قىلمىغان زور باج قانۇنىغا خىلاپ دېلولاردىكى دەۋالاشقۇچىلار؛ مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ساھەسىدىكى ساختىپەزلىك قىلىپ، ساختا مەلۇمات يوللىغان، ئالدامچىلىق بىلەن ئىگە بولۇۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغان، تۇتۇپ قېلىپ ئىشلىتىۋالغان، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قەرەلى توشقان قەرزلىرىنى نېسى قىلغان لەۋزىدە ئېغىر تۇرماسلىق قىلمىشىغا مەسئۇل كىشىلەر؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ساھەسىدىكى لەۋزىدە ئېغىر تۇرماسلىق قىلمىشىغا مەسئۇل كىشىلەر، ئاكسىيە، قەرەللىك مال قاتارلىقلاردا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جەرىمانە قويۇلغان ۋە مۇسادىرە قىلىنغان، سۈرۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تاپشۇرمىغانلار، پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى سۈرۈك ۋاقتى توشسىمۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ خەلق سوت مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ئىستېمالىغا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ئىجرا قىلىش ئىسىملىكىگە كىرگۈزگەنلەر؛ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بېكىتكەن باشقا ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرىغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەن لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەزكۇر ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلگەن، ھۆججەت تۈزىتىپ كىرگۈزۈش يولى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلار.  

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00