• تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-19 07:41
  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

     ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹19–ئاپرېل›› مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

      بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇچۇر تېخنىكا ئىنقىلابى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ.

      ھازىرقى جۇڭگودا تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتىدۇ.

      ھەممىلا جايدا كۆزگە چېلىقىدىغان كۆچمە چىقىم قىلىشتىن شىددەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىلىۋاتقان يۇقىرى تور سودا سوممىسىغىچە؛ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت سىستېمىسىدىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىگىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغان ئىككى يىل مابەينىدە، ئېلىمىزنىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە ساغلام راۋاجلاندى، ئالاقە تورى دۆلەت تەرەققىياتىدا بارغانسېرى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، رەقەم ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

      ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋر ئاچقان جۇڭگو تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە مەزمۇت قەدەم بىلەن ئاتلاندى.

      يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆرۈپ، پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

      2018 – يىلى 3 – ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى ـــــ مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ ساھەدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى.

      بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرىدا يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزگەنلىكى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

      باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دەۋر يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

      ‹‹تور ئۇچۇر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك››.

      ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ئالاقە تورى تېخنىكا ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، خەلقنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇچۇرلاشقان مۇلازىمەتنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، قوللىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاۋامنى ئىشلىتەلەيدىغان، ئىشلىتىشكە قۇربى يېتىدىغان، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مىليونلىغان خەلقنى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

      ‹‹چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچى››.

      ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەممەيلەن بەسلىشىۋاتقان ئۇچۇرلاشتۇرۇش رىقابەت مۇھىتى ئالدىدا سەزگۈرلۈك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ، ‹‹چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە يۈزلىنىشىنى ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئېلىمىزنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش››نى تەلەپ قىلدى.

      ‹‹تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك››.

      ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى كۆزىتىپ، ‹‹تۆت پىرىنسىپ››، ‹‹بەش تەشەببۇس››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹ئالاقە تورى گەرچە شەكىلسىز بولسىمۇ، لېكىن ئالاقە تورىنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شەكىللىك،ئالاقە تورى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانى. بۇ ماكاننى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى››، دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

    ... ...

      يېڭى ئىدىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى ئىستراتېگىيە يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تور كۈچلۈك دۆلىتى رەسىمى ئاستا – ئاستا ئېچىلىۋاتىدۇ.

      ھەرقانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق، تور ئۇچۇر ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار يېڭى سىياسەت، يېڭى تەدبىرلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى ئۆزگىرىشكە ئايلىنىۋاتىدۇ

      ‹‹ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، يۇغۇرما، ھەمبەھرە، خەلققە قولاي، بىخەتەر بولۇشقا تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت تەدبىرلىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، جامائەت مۇلازىمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىپ، ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە ھەمدەم بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك››.

      باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

        ئۇچۇرلاشتۇرۇش بولمىسا زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ.

      باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغان ئىككى يىل مابەينىدە، جايلار، تارماقلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بىر قاتار يېڭى سىياسەت، يېڭى تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، تور ئۇچۇر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى يۈكسىلىش، يېڭى ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

      ــــ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

      ‹‹دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىروگراممىسى›› چىقىرىلىپ، كەلگۈسى ئون يىلدا رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنىڭ تەرەققىيات پىلانى سۈرەتلىنىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى؛ ‹‹<13 – بەش يىل>لىق دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى›› ئېلان قىلىنىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ باش نىشانى قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

      ئىككى يىل جەريانىدا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسى، ‹‹ئالاقە تورى+›› ھەرىكەت پىلانى قاتارلىقلار زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى ئاساسى پۇختىلاندى.

      ــــ ئۇل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا ئىلگىرىلەش يولى ئېچىلدى.

      2017 – يىلى، دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئوپتىك كابېل لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7 مىليون 50 مىڭ كىلومېتىرغا، مەملىكەت بويىچە ئوپتىك كابېل لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 37 مىليون 470 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، 2016 – يىلىدىكىدىن %23.2 ئاشتى؛ ئالاقە تورى كەڭ بەلبېغىنى ئۇلاش ئۇچى 779 مىليونغا يېتىپ، %9.3 ئاشتى.

      ‹‹ئالاقە تورى كېلىشىمىنىڭ 6 – نۇسخىسى (IPv6)نى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى›› بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، IPv6نى كۆلەملەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزدە IPv6 ئادرېسىنى تەقسىملەش ئومۇمىي سانى 23 مىڭ 430 پارچە (32/)گە يەتتى.

      ئىككى يىل جەريانىدا، كۆچمە تور مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى سىجىل ئېشىپ، كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى نامايان قىلىندى.

       ــــ ئالاقە تورى جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت خىزمىتىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى.

      فۇجيەن ئۆلكىسى جىنجياڭ شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ باج ئىشلىرىنى بېجىرىش زالىدا مالىيە دىرېكتورى شى جىنشىڭ مۇلازىمەتچىسىز تېرمىنال ئارقىلىق نەچچە ئون پارچە قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىنى ئالغاندىن كېيىن، ‹‹ئىلگىرى يېرىم كۈن سەرپ قىلىدىغان ئىشنى ھازىر بىر نەچچە مىنۇتتىلا تۈگەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمىتى بارغانسېرى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى›› چوڭقۇر ھېس قىلدى.

      مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلارغا پايدا، خەلققە قولايلىق ياراتتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە يۈرۈشۈۋاتقان ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 32 مىڭغا يەتكەن؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى يېڭى تاراتقۇلىرى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەيدىغان يېڭى يولغا ئايلانغان.

      پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئەقلىي جەمئىيەت قۇرۇش، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

      مىليونلىغان خەلق ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىنىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى

      ھازىر، توردىن مال سېتىۋېلىش، ئورتاق ۋېلىسىپىتلا ئەمەس، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى رەقەملىك تېخنىكا جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە كۈنسېرى سىڭىپ كىرمەكتە: راك كېسىلى چوڭ سانلىق مەلۇمات رەسىمىنىڭ سىزىلىشى ساغلاملىق ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى؛ ‹‹ئۆسۈپ يېتىلىشنى قوغداش سۇپىسى›› قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تېخىمۇ ئوچۇق تور بوشلۇقى يارىتىپ بەردى؛ 5G ‹‹پەۋقۇلئاددە تور سۈرئىتى›› ئېكراندا ‹‹يۈكلىنىۋاتىدۇ›› دېگەن سۆزنىڭ چىقىشىغا خاتىمە بەردى...

      ئالاقە تورى تۈرتكە بولغان يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ بەس – بەستە مەيدانغا كېلىشىدىن رەقەملىك تېخنىكا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى تۇرمۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىچە؛ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى چىقىرىلىپ، تورنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىدىن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ‹‹جان تومۇرى››نىڭ تېخىمۇ راۋانلىشىشىغىچە... مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنياسى ئالاقە تورى سەۋەبلىك تېخىمۇ رەڭدارلاشتى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئالاقە تورى سەۋەبلىك تېخىمۇ موللاشتى.

      ئالاقە تورى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورى كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىش ــــ جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش.

      ليۇشې كەنتى گۇاڭدۇڭ مېيجۇنىڭ جەنۇبىدىكى سېلىن كۆپ چىقىدىغان بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزاق يىللىق چاي ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. ئەمما جۇغراپىيەلىك ئورنى چەت ياقىدا، قاتناش ۋە ئۇچۇر راۋان بولمىغانلىقتىن، ليۇشې چېيىنىڭ سېتىلىش يولى ئىزچىل ئېچىلمىغانىدى.

      ليۇشې چېيى گۇاڭدۇڭ كۆچمە ئالاقە شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش سۇپىسىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، توردا سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چاينىڭ سېتىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. بىر يىلدىن بۇيان، ‹‹لىڭنەن تۇرمۇشى›› سۇپىسىدا سېتىلغان ليۇشې چېيى 6000 جىڭدىن ئېشىپ، كۈندىلىك سېتىلىش زاكازى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1423 كە يەتتى.

      ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلى، جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى 27 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %32.9كە يەتكەن؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا، توردا پارچە سېتىش سىجىل ئاشقان، ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا ئىستېمال كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭىيىپ، ئەشيا ئوبوروتى، تېلېگراف، قاتناش قاتارلىق يېزا ئىستېمال ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

      قىسقىغىنا 20 نەچچە يىلدا، ئېلىمىز ئىشنى تور سۈرئىتى سېكۇنتىغا ئارانلا 64 كىلوبىتلىق تور لىنىيەسىدىن باشلاپ، ھازىر 700 مىليون تورداش، 4 مىليوندىن كۆپ تور بېكىتىگە ئىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 4G تورىنى قۇردى، توردا پارچە سېتىش سودا سوممىسى دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇننى ئىگىلىدى... بىر قاتار ‹‹قالتىس››لار چوڭ تور دۆلىتىنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن كۈچلۈك قەدىمىگە شاھىت بولدى.

      قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىشتىن تور بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇشقىچە، ئۇدا تۆت نۆۋەت دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئالى بۇلۇت سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئالاقە تورى بازىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىشىغىچە، بىر قاتار ‹‹چوڭ ئىشلار›› جۇڭگونىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

      باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش، ئىنچىكە پىلانلاش، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشەببۇسكارلىقنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش››، ‹‹رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك››.

      رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇش ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

         بۇ، يېڭى دەۋرنىڭ تەخىرسىز چاقىرىقى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قەتئىي خىتابى.

      يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئېلىمىزنىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تور كۈچلۈك دۆلىتىنى قۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جۇشقۇن يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملىگۈسى.

      (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00