• ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

  • يوللىغۇچى : دىلا
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-19 07:43
  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش پىلانى بويىچە يەنە ئىككى تۈركۈم كارخانا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭغا جەمئىي 519 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

        مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، كونكرېت ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى، شەرت ۋە تەلەپلەر، كارخانىلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئورگان تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn) دە ئېلان قىلىنغان.

        2-تۈركۈمدىكى ئىش ئورنىدا تۇرپان شەھىرىدىكى «شەنشەن» گۇرۇھى تۇرپان بۆلىكى كەسىپ شىركىتى، پىچان ناھىيەلىك «خېشىڭ» كرېمىنىي كەسىپچىلىكى ۋە تۇرپان «ئاتەش يۇرتى» مېۋىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كارخانا 186 ئىش ئورنى تەمىنلىگەن بولۇپ، تىزىملاتقۇچىلار تۇرپان نوپۇسى بولۇشى كېرەك ئىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن. «شەنشەن» گۇرۇھى تۇرپان بۆلىكى كەسىپ شىركىتىگە تىزىملاتقۇچىلار (413371114@qq.com) غا، پىچان ناھىيەلىك «خېشىڭ» كرېمىنىي كەسىپچىلىكىگە تىزىملاتقۇچىلار (hsgysshr@163.com)غا، تۇرپان «ئاتەش يۇرتى» مېۋىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە تىزىملاتقۇچىلار (466051587@qq.com) غا ئۇچۇر يوللاپ تىزىملاتسا ياكى ئىدىقۇت رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت مەركىزى، پىچان ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ تىزىملاتسىمۇ بولىدىكەن. توقسۇن نوپۇسىدىكى ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت مەركىزىدە تىزىملىتىدىكەن.

        3-تۈركۈمدىكى ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسىغا 230 ئادەم، شىنجاڭ «شىنيې» دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش (گۇرۇھى) چەكلىك گۇرۇھ شىركىتىگە 38 ئادەم، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىگە 65 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن. بىردەك توردا تىزىملىتىش شەكلى قوللىنىلىدىكەن.

        بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش پىلانى بويىچە 4000 ئادەم ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىق 2013-يىلىدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00