• ئىۋانكا زۇڭتۇڭ دادىسى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  • يوللىغۇچى : aliya
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-28 10:23
  • ئىۋانكا زۇڭتۇڭ دادىسى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    تۈنۈگۈن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلەش زىياپىتىنى ئۆتكۈزۈپ، تەنھەرىكەت يىغىنىدا نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان تەنھەرىكەتچىلەرنى مۇكاپاتلىدى.

    ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى قىزى ئىۋانكا زۇڭتۇڭ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئىۋانكا شۇ كۈنى ئۇچىسىغا تەخمىنەن 1000 دوللار كېلىدىغان ئىككى قۇر گۈللۈك كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، بىر توپ تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىۋالغان تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرغانىدى.

    تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن پاراڭلاشقان ئىۋانكا ئالاھىدە خۇشال ئىدى. پىيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، ئىۋانكا ئىلگىرى زۇڭتۇڭغا ۋاكالىتەن يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن ئوبدانلا تونۇشۇپ قالغانىدى.

    سۈرەتتە، ئىۋانكانىڭ پىيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقە كۆرگەندىكى كۆرۈنۈش. ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان ئۇ دەقىقە ئىچىدە مەستانە سىڭىلچاققا ئايلانغانىدى.

    ئىۋانكا تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. 

    سۈرەتتە، ئىۋانكانىڭ تورغا يوللىغان سۈرىتى.

    ئىۋانكا ئىنتايىن خۇشال ھالدا تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن پاراڭلاشماقتا.

    تىرامپ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە ئادەم ۋە شان-شەرەپ قازانغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھايات سەھنىسىدىمۇ ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    سۈرەتتە، ئىۋانكانىڭ تورغا چىقارغان سۈرىتى.

    سۈرەتتە، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر ۋە مېيىپ تەنھەررىكەتچىلەر تىرامپقا ئىككى بايراق سوۋغا قىلدى.

    بىراق، تىرامپ دادا-بالا ئىككەيلەننىڭ ئويلاپ باقمىغىنى شۇكى، بۇنىڭ ئارىسىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئاقساراينىڭ ئۆتكۈزگەن بۇ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانىدى. ئامېرىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باياناتچىسى ئەزەلدىن بۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىشتەك ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.

    داڭلىق ئېگىز تاغلىقتا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى لىندسېي ۋون بىلەن فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى ئادام رىپپون ئاقسارايدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى رەت قىلدى.


    داڭلىق ئەركىن قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى گاس كېنۋورسىيمۇ بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۇ ئىۋانكاغا بولغان بىزارلىقىنى ئىپادىلىگەن. سۈرەتتىكىسى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىغان سۈرىتى ۋە خېتى بولۇپ: «ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يېپىلىش مۇراسىمىدىكى سەھنىدە تۇرالىدى، ئىۋانكادىن باشقا، ئۇ نېمە قىلغىلى كەلدى؟»، دېگەن.

    ئاقساراينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندە، بەلكىم تىرامپمۇ بۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك.

    مەنبەسى :qq.om


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00