• بۈگۈن ۋە ئەتە ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-28 11:15
  • بۈگۈن ۋە ئەتە ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ

    مۇخبىرنىڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا كۆرستىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 27- ۋە 28-كۈنلىرى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26 بولىدىكەن.

     بۈگۈن ۋە ئەتە (4-ئاينىڭ 27-ۋە 28-كۈنى) تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ تۆت بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9 بولىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، چۈشتىن كېيىن ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. چۈشتىن بۇرۇندىن چۈشتىن كېيىنگىچە بولغان تېمپېراتۇرادا ئاۋۋال ئۆرلەپ كېيىن چۈشۈشتەك ئەھۋال كۆرۈلۈپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃7 بولىدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ئاساسىي تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، يامغۇرنىڭ قارغا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس، يۇقىرىقى تاغدا يامغۇرنىڭ قارغا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بار. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە داۋانچىڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، باشقا رايونلاردا ئازراق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدۇ. 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، ھاۋا بارا-بارا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلاپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20تىن يۇقىرى بولىدۇ.

       مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ھاۋا بۇلۇتلۇق، بەزىدە ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃21، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃7 بولىدىكەن؛ 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇر ℃23، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10 بولىدىكەن؛ 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12 بولىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك