• سالمان خاننىڭ يېڭى كىنوسى «Bharat» سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىدى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-01 12:14
  • سالمان خاننىڭ يېڭى كىنوسى «Bharat» سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىدى

    20180430225926813.jpg

    پرىيانكا چوپرا بىلەن سالمان خان 10 يىلدىن كېيىن ئەلى ئابباس زەفەر رېژىسسورلۇق قىلغان يېڭى كىنو «Bharat»تا ھەمكارلىشىپ چوڭ ئېكراندا قايتا جەم بولىدۇ. بۇ «جاسۇسلۇق تورى» تىياتىرى بىلەن خەلقئاراغا تونۇلغان ئايال چولپاننىڭ بۇ فىلىمدە ئايال باش رولنى ئالىدىغانلىقى دەلىللەندى. بۇ ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن بوللىۋودقا قايتىپ كېلىپ رول ئالغان تۇنجى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ، پرىيانكا ئاخىرقى قېتىم بوللىۋود فىلىمى «Jai Gangaajal»دا ئايال باش رولنى ئالغان بولۇپ، بۇ فىلىمدە ئۇ قەيسەر ئايال ساقچىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. ئەپسۇس، بۇ فىلىم مەيلى بېلەت كىرىمىدا بولسۇن ياكى ئېرىشكەن باھالاردا بولسا ياخشى نەتىجە قازىنالمىدى.

    رېژىسسور ئەلى ئابباس زەفەر «بومباي ئەينەك گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىدى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « پۈتۈن دۇنيادا قىزغىن قويۇلغان <جاسۇسلۇق تورى> تىياتىرى، شۇنداقلا بوللىۋودتىكى كۆپلىگەن كىنولىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلىغان چولپان پرىيانكا چوپرا <Bharat> فىلىمى بىلەن بوللىۋودقا قايتىپ كېلىدۇ، پرىيانكا ھازىر پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق ھىندىستان سەنئەتكارى، ئۇ بۇ فىلىمگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ فىلىمگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تالانت بىلەن خەلقئارالىق جەلپ قىلىش كۈچىنى تەقدىم ئېتىدۇ.»

    سالمان خاننىڭ كۆپلىگەن كىنولىرىغا ئوخشاش، «Bharat» كىنوسىمۇ 2019-يىلى قويۇلىدۇ، بۇ سالمان خان بىلەن پرىيانكانىڭ تۆتىنچى قېتىم ھەمكارلىشىشى بولۇپ، ئۇلار ئاخىرقى قېتىم 2008-يىلى قويۇلغان «God Tussi Great Ho»(تەڭرىدىن سوراش) فىلىمىدە بىرگە ھەمكارلاشقان.

    «Bharat» فىلىمى 2014-يىلى قويۇلغان كورېيەنىڭ «خەلقئارا بازار» فىلىمىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى زىيارەتتە فىلىم رېژىسسورى ئەلى ئابباس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ كورېيە فىلىمىنىڭ بوللىۋود نۇسخىسىنى ئىشلەش ئويى سالمان خاندىن كەلگەن، بۇ فىلىمنىڭ ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ھوقۇقىنى سالمان خاننىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى Atul Agnihotri سېتىۋالغان، ئۇ T-Series شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بۇشان كۇمار بىلەن بىرلىكتە بۇ فىلىمگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.»

    گەرچە ھازىرغا قەدەر، كىنو ئىشلىگۈچى تەرەپ كىنو ۋەقەلىكىنى ئاشكارىلاشتا ئىنتايىن بېخىللىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىشەنچىلىك خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ ھىندى تىلىدىكى «خەلقئارا بازار» فىلىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش مەزگىلىنى ئاساس قىلىدىكەن.

    مەنبەسى :بوللىۋود




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك