• ياش ھەم كېلىشكەن ناخشىچى زەيىن مالىكنى بىلەمسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-01 12:33
  • ياش ھەم كېلىشكەن ناخشىچى زەيىن مالىكنى بىلەمسىز؟

    زەيىن مالىك ئەسلى ئىسمى زەيىن جەۋۋاد مالىك. 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە برەدفوردتا تۇغۇلغان، ئەنگلىيەلىك ناخشىچى، ئەسلىدە One Direction نىڭ ئەزاسى بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن.

    2010-يىلى زەيىن مالىك «ئەنگلىيە تالانت سەھنىسى 7-بۆلۈم» گە قاتناشقان ھەمدە باشقا تۆتەيلەن بىلەن One Direction گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. 2012-يىلى 8-ئايدا One Direction گۇرۇپپىسى لوندون ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتقان. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى زەيىن مالىك One Direction دىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشنى تاللىغان.

    2016-يىلى 1-ئايدا تۇنجى ئۆزىنىڭ يەككە كۈيى «Pillowtalk»نى تارقاتقان، بۇ ناخشا تارقىلىشىغا بىۋاستە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ناخشا تىزىملىكىدە چېمپىيون ئورۇنغا چىققان. 2016-يىلى 3-ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى رەسمىي پىلاستىنكىسى «Mind of Mine» نى تارقاتقان. بۇ پىلاستىنكا ئامېرىكا بىلبوردتا بىۋاستىلا چېمپىيونلۇق ئورۇنغا چىققان. 2016-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا مۇزىكا مۇكاپاتىدا «يىللىق ئەڭ ياخشى يېڭى ناخشىچى» مۇكاپاتىنى ئالغان. 2016-يىلى 12-ئايدا ئۇ تايلور سىۋىفت بىلەن «50 گرادۇسلۇق قاراڭغۇلۇق»(五十度黑) نىڭ باش ناخشىسى «I Don't Wanna Live Forever» نى ئېيىتقان. بۇ ناخشىسى 34-نۆۋەتلىك MTV مۇزىكا سۈرەتكە ئېلىش مۇكاپاتىدا «ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق» مۇكاپاتىنى ئالغان. 2017-يىلى 5-ئايدا ئۇ 24-نۆۋەتلىك بىلبورد مۇزىكا مۇكاپاتىدا «ئەڭ ياخشى يېڭى ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    زەيىن مالىكنىڭ دادىسى ياسىر مالىك ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى پاكىستانلىق بولۇپ، ئانىسى تېرىسسا مالىك ئەنگلىيەلىك ئاق تەنلىك. بىر قېتىم ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ھىندىستانلىق ناخشىچى جېي سىن ئۇ ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە زىيارەتكە كېلىدۇ، ئۇ جېينىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن تۇنجى قېتىم سەھنىدە ناخشا ئورۇندايدۇ.

    زەيىننىڭ دانىيە ئىسىملىك بىر ئاچىسى، ۋالىيە ۋە سەفا ئىسىملىك ئىككى سىڭلىسى بار.

    2010-يىلى زەيىن مالىك «ئەنگلىيە تالانت سەھنىسى» گە قاتناشقۇچى جېنىۋا بىلەن بىر مەزگىل ئارىلاشقان.

    2012-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە Little Mix قىزلار مۇزىكا گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى Perrie Edwards بىلەن ئارىلاشقان. 2013-يىلى 8-ئايدا پېررىيغا توي تەكلىپى قويغان، لېكىن زەيىننىڭ خىزمىتى ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك توي 2015-يىلىغا سۈرۈلگەن. 2015-يىلى 8-ئايدا ئىككەيلەن ئايرىلىپ كەتكەن.

    2015-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئۇ مودېل جىجى خادىد بىلەن رەسمىي ئارىلىشىشقا باشلىغان.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك