• ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-02 07:45
  • ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن
    ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، بىرىنچى شۇجى ياسىن ئابدۇرېھىم
    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلدى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، بېيىشنى كۆزلەش ئارزۇسى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىدىن، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز، پەخىرلىنىمىز.
      مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر. 30 نەچچە يىللىق خىزمەت تارىخىم ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلەش جەريانىمنى ئەسلىگىنىمدە، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىمەن. مەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمىغان بولاتتى.
      ئەمما، كادىرلار قوشۇنىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، ھەتتا ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كۆرۈنۈشتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغىنى بىلەن، ئاستىرتىن پارتىيەگە، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلدى، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ھەم ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى دەپسەندە قىلدى، مەيدانىنى، ۋىجدانىنى ۋە غۇرۇرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە قارشى سەپتە تۇردى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.
      بىز كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول»نى قەتئىي قېزىپ چىقىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە پۇت قويغۇدەك ئورۇن قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: مەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىنى ئالغان دۆلەت كادىرى، شۇنداقلا بىر كومپارتىيە ئەزاسى، مەن قەتئىي ھالدا پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقىمنى قان- قېنىمغا، روھىمغا سىڭدۈرۈپ، بارلىقىمنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن. پارتىيەگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قوغداشنىڭ قەتئىي ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن. مەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئايرىشتىكى مەيدانىمنى ئالاھىدە ئېنىق قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ھەرىكىتىمنى ئالاھىدە قەتئىي قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتىكى ھېسسىياتىمنى ئالاھىدە سەمىمىي قىلىمەن. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرلىرىنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن.
    مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك