• ‹‹1–ماي›› دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 880 مىليون يۈەنگە يەتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-02 07:56
  • ‹‹1–ماي›› دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 880 مىليون يۈەنگە يەتتى

    مۇخبىرىمىز جيا چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ‹‹1 – ماي›› دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى جانلانغان. 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 12 گىچە، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 295 مىڭ 700 ئادەم (قېتىم)گە، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 880 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
      ‹‹1 – ماي›› دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى بىخەتەر، تەرتىپلىك بولغان. دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى تاراتقۇ ئارقىلىق ساياھەت ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت بىخەتەرلىكى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

        ‹‹1 – ماي›› دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى باغچىلارغا بېرىپ، ئارام كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزدى.

    مەنبەسى :uy.ts.cn


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك