• شاھىمەردان ئىمىننىڭ «جاۋابسىز سۆيگۈ»ناملىق MVناخشىسى تارقىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-02 11:12
  • شاھىمەردان ئىمىننىڭ «جاۋابسىز سۆيگۈ»ناملىق MVناخشىسى تارقىتىلدى


    ئەلكۈيى تورى سەنئەت قانىلى مەخسۇس خەۋىرى:بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم ھەرقايسى چوڭ-كىچىك سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قەددى- قامىتى ، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن نۇرغۇنلىغان كۈيگە تەشنا قەلىبلەرنى ئۆزىگە رام قىلغان، شۇنداقلا مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ مودىل مۇسابىقىلىرىدە ئەرلەر تۈرى بويىچە كۆپلىگەن كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۈچۈن شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن تالانتلىق ياش ناخشىچى شاھىمەردان ئىمىن تىلغا ئېلىنغاندا كۆرۈرمەنلىرىمىز ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇب، سەھنىدىكى جەسۇرانە قىياپىتى ، كىشىنى رام قىلىدىغان ئاۋازىنى ئەسكە ئالماي تۇرالمايدۇ.

    مەملىكىتىمىزدىكى كاتتا سەھنىلەردە نۇر چېچىپ، چولپانلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ داغدام مەزگىللىرىگە قەدەم قويىۋاتقان چاغلاردا  شاھىمەردان ئىمىن كىچىكىدىن قەلبىگە پۈككەن خەلق ساقچىسى بولۇپ ۋەتەن-خەلقنىڭ تىنچ-ئامانلىقىغا ئۆزىنىڭ ئاداققىچە تۆھپىسىنى قوشۇش  ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، سەھنىدىن ۋاقىتلىق خوشلىشىپ، جاپالىق ئەمما شەرەپلىك بولغان خەلق ساقچىسى بولۇپ ئىشلەپ، ۋەتەن خەلققە  ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ.

    بىز گاھى - گاھىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەردە شاھىمەردان ئىمىننىڭ نادىر ناخشىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالغىنىمىزدا «چولپانلىقتىن ساقچىلىق»قا قەدەم باسقان بۇ چولپانىمىزنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىگە بولغان ئىنتىزارلىقىمىزمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ئەلۋەتتە شاھىمەردانمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قوللىغۇچىلارنىڭ ھەرخىل ئۇسۇلدىكى تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىگە ئاساسەن يېقىندا ئۆزىنىڭ ئەڭ نادىر كۈيلىرىنىڭ بىرى بولغان«جاۋابسىز سۆيگۈ»ناملىق ناخشىسىنى قايتىدىن ئىشلەپ ، نەق مەيداندا ئاۋازغا ئېلىپ ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى .






    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00