• ئۈرۈمچىدە جىددىي بولمىغان 14 قىزىق لىنىيە تېلېفونى «12345» قىلىپ ‏بىرىكتۈرۈلدى ‏

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:17
  • ئۈرۈمچىدە جىددىي بولمىغان 14 قىزىق لىنىيە تېلېفونى «12345» قىلىپ ‏بىرىكتۈرۈلدى ‏

    مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن (5-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر باشقۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى شەھەر باشقۇرۇش 12319 مەخسۇس لىنىيەسى ئاساسىدا، ھازىر 12345 شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسى، 12358 باھا پاش قىلىش-نازارەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى، 12350 بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى، 12385 مېيىپلارغا مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى، 12333 ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ۋە 8812333 شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق جىددىي بولمىغان 14 قىزىق لىنىيەنى بىرىكتۈرگەن.

      بىرىكتۈرۈلگەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسى بىر تۇتاش «12345» تېلېفون نومۇرىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىگە ئائىت مەسلىھەت سورىشى، ياردەم سورىشى، پاش قىلىشى، ئەرز قىلىشى، پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

      تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ قېتىملىق بىرىكتۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شەھەر ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، 24 سائەت ئارىلىق قويماي ئالاقىلىشىپ، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇردى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك