• باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس ھەققىدىكى بايانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:39
  • باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس ھەققىدىكى بايانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ

    بۇ يىل-ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقى شۇنداقلا «كومپارتىيە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن سورۇنلاردا ماركسىزمنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، پۈتۈن پارتىيەدىن ماركسىزمنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەمدى ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالاھىدە پىلانلانغان «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس ھەققىدىكى ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى ئاڭلىتىمىز.

    ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدا، ئىلمىيلىك، ھەقىقىيلىق، تەسىر كۈچى، تارقىلىشى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھېچقانداق بىر ئىدىيە نەزەرىيەسى ماركسىزمنىڭ يۈكسەكلىكىگە يېتەلمىگەن شۇنداقلا ھېچقانداق بىر تەلىمات ماركسىزمغا ئوخشاش دۇنياغا بۇنداق غايەت زور تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. 2016-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ماركسىزم گەرچە بىر ئەسىردىن كۆپرەك بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىخ ۋە رېئاللىق ئۇنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە ئىكەنلىكى، ھازىرغىچە يەنىلا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ماركسىزم-تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، ئىنسانىيەت تەپەككۇر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى؛ ماركسىزم خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ھەم پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ غايىۋى جەمئىيەتكە بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى؛ ماركسىزم شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، ئىچكى باغلىنىشى ھەم تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلۇغ بىلىش قورالى، كىشىلەرنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش، مەسىلە تەھلىل قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيە قورالى؛ ماركسىزم روشەن ئەمەلىي خاراكتېرگە ئىگە، ئۇ دۇنيانى ئىلمىي چۈشەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيانى پائال ئۆزگەرتىشكىمۇ كۈچ چىقىرىدۇ.

    ماركسىزم-دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. يۈز يىل بۇرۇنقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ توپ ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم-لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى. شۇندىن تارتىپ، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇدى ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تاپتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ماركسىزم جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن ھەم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى ھەم تەدرىجىي جۇڭگوچىلاشتۇرۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، پارتىيەمىز ماركسىزمنىڭ تۈپ ھەقىقىتىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى قوللىنىپ، تۈرلۈك زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق ۋە ھەل قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

    ئەمەلىيەت، تەرەققىياتنىڭ چېكى يوق، بىزنىڭ ھەقىقەتنى بىلىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىمىزنىڭمۇ چېكى يوق. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، بىر يۈرۈش يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى-ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ھەم كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈر.

    بۈگۈنكى كۈندە دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتتى. بەزىلەر: بىر يېرىم ئەسىر ئىلگىرى دۇنياغا كەلگەن ماركسىزمنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ دەپ گۇمانلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بايرىقى روشەن ھالدا كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: چىڭ تۇرمىساق روھىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز، نىشاندىن ئادىشىپ قالىمىز. ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك.

    پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ مەخسۇس شاڭخەي ۋە جېجياڭنىڭ جياشىڭغا بېرىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا: ماركسىزم تۈپ نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، دەپ تەكىتلىدى. ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا، باش شۇجى يەنە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا باردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ماركس ۋە «كومپارتىيە خىتابنامىسى»نى خاتىرىلىگىنىمىزدە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمنى ياخشى تەتقىق قىلىشىمىز، ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ياشلار يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ ئاسمىنىدا ياشلىق ئۈمىدىنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇش بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش كۈرەش مۇساپىسىدا ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى!

    مەنبەسى :خەلق تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك