• گۇاڭجۇ ساقچىلىرى ئاتالمىش ئستېمال قىلسا قايتۇرىدىغان «يۈنليەنخۇي»نى بىتچىت قىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:22
  • گۇاڭجۇ ساقچىلىرى ئاتالمىش ئستېمال قىلسا قايتۇرىدىغان «يۈنليەنخۇي»نى بىتچىت قىلدى

    5-ئاينىڭ 9-كۈنى گۇاڭجۇ ج خ ئىدارىسى ئورگان ئۈندىدار سالونى ۋە مىكرو بىلوگىدا مۇھىم ئۇچۇر ئېلان قىلىندى، ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە گۇاڭجۇ ساقچىلىرى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى تور يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «يۈنليەنخۇي» ئالاھىدە زور توردا شاخلىتىپ سېتىش جىنايەت شايكىسىنى ئوڭۇشلۇق بىتچىت قىلىپ، خۇاڭ فامىلىلىك قاتارلىق ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خۇاڭ فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى جىنايەت شايكىسى گۇاڭجۇ يۈنليەنخۇي تور پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنى قۇرغانلىقى ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ «يۈنليەن سودا شەھەرچىسى»گە تايىنىپ، «ئىستېمال قىلسا پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بېرىش»نى يەمچۈك قىلىپ، ئادەم توپلاش، ئەزالىق ھەققى يىغىش، جۇغلانما نومۇر ئارقىلىق پايدا ئايرىش قاتارلىق شەكىللەردە ئەزا جەلپ قىلىپ، مال-مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقان قىلغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. 

    ئارقىدىن گۇاڭجۇ ج خ ئىدارىسى تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك ئۇقتۇرۇش چىقاردى:

    يۈنليەنخۇي جىنايى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلار 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ج خ ئورۇنلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشتەك جىنايى ئىشلار پىرىنسىپىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    يۈنليەنخۇينىڭ ئەزالىرى مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە  سالاھىيەت ئىسپاتلىرى، ئەزالىق رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىسپاتلىرى، توختام، ئەزالىق سودا ئاقما ھېساباتى ۋە ئالدىن پۇل قويغانلىق ئىسپاتى قاتارلىق يازما ماتېرىياللارنى ئېلىپ كېلىپ ج خ ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

    ج خ ئورۇنلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ياكى ئەھۋال ئىنكاس قىلىشتا نوپۇسى تۇرۇشلۇق ياكى دائىم تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ج خ ئورۇنلىرىغا بېرىپ مەلۇم قىلسا بولىدۇ. 

    ئومۇمەن ئەھۋال مەلۇم قىلغان، تەلەپلىرىنى ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق يوسۇندا قىلىشى، جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرىپىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزمەسلىكى لازىم، خىلاپلىق قىلغۇچىلار ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

    گۇاڭجۇ ساقچى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر توردا شاخلىتىپ سېتىش جىنايى قىلمىشى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بولۇپ، كۈچلۈك سىڭىپ كىرىشچانلىق، قايمۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە ئىكەن، ئەمما ئادەم توپلاش، قانۇنسىز پايدىغا ئېرىششىتەك ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدىكەن. 

    ساقچىلار كەڭ ئاممىنى ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇپ، ئاتالمىش يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىشتەك قايمۇقتۇرۇشلارغا ئالدىنىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. 

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00