• ئالما پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەھرىر تەكلىپ قىلىپ تاراتقۇ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى

  • يوللىغۇچى : arkin
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:37
  • ئالما پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەھرىر تەكلىپ قىلىپ تاراتقۇ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى

    ThinkNumنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزمۇن جەھەتتە ئالمىنىڭ غەرىزى ئىزچىل ناھايىتى سىرلىق ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىل مارتتا ئالما رەقەملىك ژۇرنال مۇلازىمىتى Textureنى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ئالمىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى تارقىتىشنى كۈچەيتىش ئويىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. Texture نەشرىيات ساھەسىدىكى Netflix دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئابۇنىتلار ھەر قايسى چوڭ نەشرىيات شىركەتلىرىنىڭ ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولالايدۇ. 

    لېكىن يېقىنقى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، Apple News ۋە Textureدىن سىرت، ئالما يەنە تەھرىرلەنگەن مەزمۇنلارنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

    2015-يىلى، ئالما ئۆزىنىڭ خەۋەر ئەپىگە تەھرىر تەكلىپ قىلغان، لېكىن بۇ تەھرىرلەرنىڭ رولى ئاساسلىقى مەزمۇنلارنى مۇجەسسەملەش بولۇپ، نەشرىيات بۇيۇملىرىدىن خەۋەر قېزىپ، ئاندىن iOSدىكى خەۋەر ئەپىگە يوللاش ئىدى.

    تاراتقۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئالما تەتقىقات ئەترىتى Apple News ئەپىنى قايتا لايىھەلەشكە ھەم مۇنەۋۋەر تەھرىرلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىجادىي مەزمۇنلارنى بەرپا قىلىشقا باشلىغان. 

    ئىگىلىنىشىچە، ئالما پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خەۋەر تەھرىرى ۋە ئاخبارات كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىزمەت ئورنى ئوستىن، لوندون، نىيۇيورك، سانتاكلارا، سېئۇل، شاڭخەي، سىنگاپور، تەيبېي ۋە توكيو قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالما بۇ قېتىم ۋېدىيو تەھرىرى، سىياسىي خەۋەرلەر تەھرىرى، سودا خەۋەرلىرى تەھرىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك سەنئەت تەھرىرى قاتارلىق خىزمەتلەرگە خادىم تەكلىپ قىلىدىكەن. 

    تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما خەۋەر مۇلازىمەت سۈپىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. مەسىلەن، ئالما «سىياسىي خەۋەرلەر تەھرىرى»گە تەكلىپ قىلىنغۇچىدىن ئاز دېگەندىمۇ يەتتە يىللىق تاراتقۇ خىزمىتى تەجرىبىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېڭى خەۋەرلەرنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلغان.

    تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما مۇجەسسەملەنگەن خەۋەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تەھرىرلەش ۋە نەشرىيات ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00