• خانلىق مادرىد 400 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ بېرنابۇ مەيدانىنى يېڭىلايدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:31
  • خانلىق مادرىد 400 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ بېرنابۇ مەيدانىنى يېڭىلايدۇ

    «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خانلىق مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو بېرنابۇ توپ مەيدانىنى يېڭىلاش ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي چىقىمى 400 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، كۇلۇب مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە، يېڭىلاش خىزمىتى رەئىس فىلورىنتىنونىڭ قۇرۇلۇش شىركىتىگە تاپشۇرۇلمايدىكەن. خانلىق مادرىد رەئىسى ACS پايچېكلەر يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «يېڭىلاش خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، بىز ئالدىنقى ئىككى خىزمەتنى تاماملىدۇق، ھازىر ئۇزاققا سوزىلىدىغان يولغا قويۇش خىزمىتىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»

    4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، مادرىد ھۆكۈمىتى بېرنابۇنى يېڭىلاش، مەيداننىڭ سىرتىدىكى ئىككى يۇمىلاق مۇنارنى چېقىش ئىلتىماسىنى تەسىقلىغان بولۇپ، بۇ 82807 كىۋادرات مېتىرلىق رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، مادرىد ھۆكۈمىتى خانلىق مادرىد بىلەن تۈرلۈك ماددىلاردا بىرلىككە كەلگەن، بېرنابۇ توپ مەيدانىنىڭ يېنىدىكى 12 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېرىدىغان ئورۇن يېشىللىققا ئايلىنىدىغان بولۇپ، يەنە بىر تەرىپىدىكى ئاممىۋى رايون 32 مىڭ 269 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن.

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 2022-يىلى رەسمىي ئاياغلىشىدىغان بولۇپ، توپ مەيدانىنىڭ ئۈستى يېپىپ-ئاچقىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن، يەنە 12 مېتىر ئېگىزلىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن مېھمانسارايغا ئىگە بولىدىكەن.

    مەنبەسى :سوخۇ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك