• ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك ۋەزىيىتىگە قارىتىلغان بەش قىياس

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:44
  • ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك ۋەزىيىتىگە قارىتىلغان بەش قىياس

    بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى، كۆپلىگەن كوماندىلار ئوڭۇشلۇق ھالدا دەرىجە ساقلىدى، يەنە بەزى كوماندىلارنىڭ دەرىجە تۆۋەنلىشىشىمۇ جەزملەشتى. لېكىن، چېلسى، لىۋېرپول ۋە توتتېنھام ئوتتۇرىسىدىكى تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرىش جېڭى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. نەچچە ھەپتە ئىلگىرى لىۋېرپول بىلەن توتتېنھامنىڭ مانچېستېر شەھىرى ۋە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ قاتارىغا كىرىپ كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش ئۈمىد زور ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا چېلسىنىڭ ئۇلار بىلەن پەرقى 10 نومۇرغا يەتكەن. ئەمما، چېلسى ئۇدا تۆت ئايلانما مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شۇنداقلا لىۋېرپول بىلەن توتتېنھامنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ئويلىغاندەك بولمىغانلىقتىن، چېلسىنىڭ توتتېنھام بىلەن پەرقى ئىككى نومۇرغا، لىۋېرپول بىلەن ئۈچ نومۇرغا چۈشۈپ قالدى. ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ ئۈچ كوماندا قالغان مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلسا، ئۇنداقتا توتتېنھام لىۋېرپولنىڭ ئالدىغا ئۆتىدۇ، لىۋېرپول بىلەن چېلسىنىڭ پەرقىمۇ پەقەتلا ساپ توپ جەھەتكە قارىلىپ قالىدۇ.

    چېلسى بىلەن توتتېنھامنىڭ يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقىسى بار، لىۋېرپولنىڭ پەقەتلا بىر مەيدان. ئەگەر توتتېنھام بۇ ئايلانمىدىكى تولۇقلىما مۇسابىقىدە نېۋكاستلنى مەغلۇپ قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار لىۋېرپولدىن ئېشىپ بىرلەشمىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا چېلسى مېھمان مەيداندا نېۋكاستل بىلەن، توتتېنھام ساھىبخان مەيداندا برايتون بىلەن، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا لېيچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بەش چوڭ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ زادى قايسى تۆت كوماندا كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشالايدۇ؟ بىز تۆۋەندە بۇ جەرياندا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقى چوڭ بولغان بەش ئىشنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق.

    1. خازارد قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش تاكتىكىسىغا ئۇچرايدۇ

    لىۋېرپول توپچىلىرى بىلگىيەلىك بۇ ھۇجۇمچىنى توسىيالمىغانلىقتىن، خازارد چېلسىنىڭ لىۋېرپولنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئەڭ قالتىس توپچىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. لىۋېرپول كۆپ قېتىم خازاردقا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىمەكچى بولغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنىمۇ يىرتىۋەتكەن. لېكىن، بۇ قىلمىشلار چېلسىنىڭ 10-نومۇرىنى توسۇپ قالالمىغان، ئۇ لىۋېرپول بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە يەتتە قېتىم بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۈچ قېتىم پۇرسەت ياراتقان. مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە خۇددېرسفيېلد بىلەن نېۋكاستل توسۇش ئىنتايىن تەس بولغان خازاردقا يۈزلىنىدۇ، بۇ ئىككى كوماندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش تاكتىكىسى ئارقىلىق خازاردنى توسۇشى مۇمكىن. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 10 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقان توپچىلار قاتارىدا خازاردنىڭ ئۇچرىغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 3.1 قېتىم قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچرايدۇ.

    ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات: بۇ مۇسابىقە پەسلىدە پەقەت رىچاردسون (92 قېتىم) ۋە ئاللى (84 قېتىم)نىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچرىشى خازارد (81 قېتىم)تىن ئېشىپ كەتكەن.

    2. توتتېنھام سەرخىل كوماندىلار قاتارىغا كىرىدۇ

    توتتېنھام توپچىسى ئاللى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە توققۇز توپ كىرگۈزۈپ بولدى، يېقىنقىبىر توپىنى 0:2 نەتىجە بىلەن ۋاتفوردنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن. ئەگەر ئاللى نېۋكاستل بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 10 ياكى 10دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن تۆتىنچى توتتېنھام توپچىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا، توتتېنھام ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى يەككە مۇسابىقىدە تۆت توپچىسىنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئىككى خانىلىق سانغا يەتكەن ئالتىنچى كوماندىغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، 1995/1996-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى، 2009/2010-يىللىق ۋە 2010/2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى چېلسى، 2012/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئارسېنال ۋە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى مانچېستېر شەھىرى قاتارلىق كوماندىلار بۇ نۇقتىغا توتتېنھامدىن بالدۇر يەتكەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە خاررى كېن 27 توپ، سون خيوڭمېن 12 توپ، ئېرىكسون 10 توپ كىرگۈزۈپ بولدى.

    ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات: ئاللى ئالدىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 10 ياكى 10دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 توپ ۋە 18 توپ كىرگۈزگەن.

    3. لىۋېرپول ئالدىنقى تۆت كۈچلۈككە كىرىدۇ

    گەرچە چېلسىغا ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن لىۋېرپولنىڭ تەغدىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ قولىدا، ئۇلار پەقەت ئاخىرقى ئايلانمىدا برايتوننى مەغلۇپ قىلسىلا كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. لېكىن، لىۋېرپولنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ئويلىغاندەك ئەمەس، بەش مەيدان بىرلەشمىدە پەقەت بىر قېتىملا غەلىبە قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاراتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر، ئۇلارنىڭ برايتون بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلدىغان بىر ھەپتە ۋاقتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەقىبى يەنە مانچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. كلوپنىڭ ئۈستۈنلىكى شۇكى، ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدىكى بۇ مۇسابىقە لىۋېرپولنىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، لىۋېرپول بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىلىرىدە ئۇتتۇرۇپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا برايتون بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مېھمان مەيدان مۇسابىقىلىرىدە پەقەت 11 نومۇر ئالغان.

    ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات: لىۋېرپول بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىلىرىدە ئۇتتۇرمىغان بىردىنبىر كوماندا، ئۇلار 18 ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىسىدە 11 قېتىم ئۇتۇپ، يەتتە قېتىم تەڭلەشكەن.

    4. خاررى كېن مەرگەنلەر تىزىملىكىدە سالاھتىن ئېشىپ كېتىدۇ

    ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئوخشاش ۋاقىتتا خاررى كېن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ئۇ لۇكاكۇ بىلەن بولغان تىركىشىشتە ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايلانمىدا يەتتە توپ كىرگۈزۈپ لۇكاكۇنى ئارقىدا قالدۇرغان. گەرچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە خاررى كېن 27 توپ، سالاھ 31 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن توتتېنھام ھۇجۇمچىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر ئالتۇن توپقا ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن. توتتېنھام ئاخىرقى ئايلانمىدا لېيچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، خاررى كېىن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى لېيچېستېر شەھىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، لېكىن بۇ مۇسابىقە پەسلىدە لېيچېستېر شەھىرى ۋە نېۋكاستلغا توپ كىرگۈزەلمىگەن.ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات: خاررى كېن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 0.8 توپ كىرگۈزگەن.

    5. گىرودنىڭ ئىپادىسى ھەممىنى قايىل قىلىدۇ

    موراتا يېقىندىن بۇيان ئىزچىل يارىلىنىش سەۋەبلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالماي كەلدى، ئاساسلىق ئەزاغا ئايلانغان گىرودمۇ چېلسىنى ناھايىتى ھاياجان ئىلكىگە غەرق قىلدى. ئۇ لىۋېرپول بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە مەيداندىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزدى ھەمدە چېلسىنىڭ ئەسلىدە يوق بولغان ئۈمىدىنى قايتا بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى يەتتىگە يەتكەن بولۇپ، ئارسېنالدا تۆت توپ، چېلسىدا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن. ئۇ ئارسېنالدىكى ۋاقتىدا بۇ يەتتە توپنىڭ ئىككىسىنى دەل چېلسىنىڭ كېلەركى ئايلانمىدىكى رەقىبى خۇددېرسفيېلدقا كىرگۈزگەن. ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات: گىرود 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن ھازىرغىچە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 17 كاللا توپ كىرگۈزدى، بۇ سانلىق مەلۇمات ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك