• چېڭلوڭنىڭ فىلىملىرىدە چىققان 12 ساھىبجامال چولپان

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:03
  • چېڭلوڭنىڭ فىلىملىرىدە چىققان 12 ساھىبجامال چولپان

    چېڭلوڭ بىر خەلقئارالىق شۆھرەتكە ئىگە گىگانىت چولپان، ئۇنىڭ فىلىملىرى بايان ئۇسلۇبى، كۆرۈنۈش تېخنىكىسى ۋە قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە. چېڭلوڭنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە چۈشىدۇ، ئۇنىڭ فىلىملىرى دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولغاچقا بىر مەدەنىيەت ھادىسىسگە ئايلانغان. بۇ خىل تەسىر كۈچ چېڭلوڭدىن ئېشىپ ئۇنىڭ فىلىملىرىدە رولغا چىققان ئايال ئارتىسلارغىچە تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېڭلوڭ فىلىمىدە چىققىنى ئۇلارنىڭ ئابرويىغا ئايلىنىپ، 007 دا چىققان ئاياللار «007 ئاياللىرى» دەپ ئاتالغاندەك «چېڭلوڭ ئاياللىرى» دەپ ئاتالغان.

    ئەينى ۋاقىتتا چېڭلوڭنىڭ فىلىمىدە چىققان ئاياللار بىر مەھەل قاتتىق داڭق چىقارغان بولسىمۇ لېكىن كېيىن پەسكويغا چۈشۈپ قالغانلىرىمۇ بولغان، تۆۋەندە بىز 80-ۋە 90-يىللاردا چېڭلوڭنىڭ ئەسەرلىرىدىكى داڭلىق 12 ئايالنى كۆرۈپ ئۆتىمىز:

    12. جېڭ يۈلىڭ

    جېڭ يۈلىڭنىڭ ئورۇنداش ماھارىتى ياخشى، ئىلگىرى جوۋ رۇنفا بىلەن «توردىكى ئادەم»(网中人)، «تىمساھ كۆلى»(鳄鱼潭)، «ئاي، يۇلتۇز، قۇياش»(月亮星星太阳)، «ھايات سەپىرى»(生命之旅) قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ياراتقان. بولۇپمۇ 1991-يىلى ئۇنىڭ چېڭلوڭ بىلەن ئىشلىگەن «ئۇچار بۈركۈت پىلانى»(飞鹰计划) فىلىمى بىلەن داڭقى تېخىمۇ چىققان.

    يېقىندا ئۇنىڭ ئالتۇن ئات مۇكاپاتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈۋالغانلىق خەۋىرى تارقالدى.

    11. گۇەن جىلىن

    ئۇ شياڭگاڭ تاماشا ساھەسى ئېتىراپ قىلىدىغان ساھىبجامال، ئۇ شياڭگاڭنىڭ ئەڭ داڭلىق ئارتىسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان، چېڭلوڭ تەبئىيلا ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چېڭلوڭ ئۇنىڭ بىلەن «ئا پىلانىنىڭ داۋامى»( A计划续集)، «قېرىنداش باتۇرلار»(龙兄虎弟) دا 1987-يىلى ھەمكارلاشقان.

    گۇەن جىلىن بۇ ئىككى فىلىم بىلەن بىرىنچى لىنىيەدىكى ئايال چولپانلىق يولىغا قەدەم قويغان، رولنى تېخىمۇ ياخشى ئالىدىغان بولۇپ كەتكەن.

    10. شوكو ئىكېدا

    شوكو ئىكېدانىڭ ئەسەرلىرى كۆپ ئەمەس، جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى ئۇنىڭ «قېرىنداش باتۇرلار» دىكى ھالىتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئەسەر قالمىغان بولۇپ، ياپون سەھنىلىرىدە ئانچە-مۇنچە ئۇچراپ قالىدۇ، 80-يىللاردىكى سىن لېنتىسى كۆرىدىغان زامانلاردا ئۇنى نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر ياقتۇرغان.

    9.گاۋ يۈەنيۈەن

    مەيلى ئەسەر ياكى ۋاقىت ھېسابى بويىچە بولسۇن گاۋ يۈەنيۈەن باشقا 12 ئايال چولپاندىن شارائىتى كەم ئەمەس. لېكىن ئۇ «بوۋاق پىلانى» فىلىمىدە تازا مۇۋاپىق بولمىغان رولغا چىقىرىلغان.


    8. ئەي يوڭيى

    كۆزى يوغان بولۇش چېڭلوڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پېرسوناژ تاللاشتىكى مۇھىم ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى. گۇەن جىلىندىن گاۋ يۈەنيۈەنگىچە ھەممىسى بۇنىڭغا ئاساسەن تاللانغان. 1995-يىلى «چاقماق»(霹雳火) فىلىمىدە ئەي يوڭيى ئايال باش رولچىلىقىغا چىققان بولۇپ، چېڭلوڭ بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك نامايەن بولغان، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەمەلىي كۈچى بوش ئەمەس ئىدى.

    ئەي يوڭيى تېز داڭق چىقىرىپ تېز غايىپ بولغانلاردىن، ئۇ 1998-يىلى جاۋ ۋېنجو بىلەن «خۇا مۇلەن» دە ھەمكارلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرمەس بولدۇق. يېقىنقى يىللاردا 2007-يىلى «شاگىرىت»(门徒) دا ليۇ دېخۇا بىلەن رول ئالغان.

    7. ياڭ سەينى

    ياڭ سەينى 1994-يىلى «لياڭ شەنبو بىلەن جۇ يىڭتەي» دە ۋۇ چىلوڭ بىلەن ھەمكارىلاشقان، 1996-يىلى لى ليەنجيې بىلەن «تەۋەككۈل شاھى»(冒险王)دا ھەمكارىلاشقان. ئىككى فىلىم تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل دەم ئالغان.

    2003-يىلى چېڭلوڭ بىلەن ھەرىكەتلىك فىلىم «يېڭى ساقچى ھېكايىسى»(新警察故事) دا رول ئالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوماق ياڭ سەينى بۇ فىلىمدە دىلى سۇنۇق، پىشقان ئايالنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. نېمىشقا ئەڭ ياخشى ۋاقتىلىرىدا ئەڭ ياخشى ھالىتىنى نامايەن قىلمايدۇ، دەپ قالىدۇ ئادەم.

    6. مېي يەنفاڭ

    مېي يەنفاڭ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئارتىس. ئۇ باشقا ئايال چولپانلارغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن مەلۇم بىر ئەر چولپان ياكى مەلۇم بىر فىلىم سەۋەبلىك داڭق چىقىرىدىغان گۈل لوڭقىلىرىغا ئوخشىمايدۇ. 1994-يىلى ۋە 1995-يىلى مېي يەنفاڭ «مەست گۇمپىسى2»(醉拳2) ۋە «خوڭفەن رايونى»(红番区) دا رول ئالىدۇ. گەرچە چېڭلوڭنىڭ فىلىملىرىدە ھەممىسى ئەركەكلىكنى نامايەن قىلىدىغان بولسىمۇ لېكىن مېي يەنفاڭ بۇ فىلىمدە ئۆزىگە خاس خاراكتىرىنى نامايەن قىلىپ، ئادەمگە بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 1987-يىلى چېڭلوڭ مېي يەنفاڭغا ئولچەپ تىككەندەك كېلىدىغان رول «ئەڭلىك قۇتىسى»(胭脂扣) دىكى ئوبرازى بىلەن تۆت تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى كۆرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى 24 ياشلىق مېي يەنفاڭ چېڭلوڭنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مېي يەنفاڭ چېڭلوڭ بىلەن 20 يىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ.

    5. ياڭ زىچيوڭ

    ياڭ زىچيوڭنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشىنى چېڭلوڭدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە ئارتىسنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئۇ «ساقچى ھېكايىسى3»(警察故事3超级警察) فىلىمى بىلەن داڭلىق ئارتىسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

    ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئايال چولپانلارغا ئوخشىمايدىغىنى ئۇ گۈزەل چىراي ۋە ئالاھىدە ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن ئەمەس بەلكى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغان بەدەن ھەرىكىتى بىلەن چېڭلوڭنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، كېيىن ئۇ بىلەن ھوللىۋود فىلىملىرىدە رول ئالغان، ئەڭ داڭلىق بولغىنى پىيرس بروسنەن بىلەن رول ئالغان «ئەتىكى ئىمپېرىيە»(明日帝国) فىلىمىدىكى بوند ئايال ئوبرازى.

    4. لولا فورنېر

    ئىسپانىيەلىك ئايال ئارتىس لولا فورنېرنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى كۆپ ئەمەس، ئەمما ئادەمنى بەك جەلىپ قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم ئۇ 1983-يىلى «ئا پىلانى» فىلىمى بىر پاھىشەنىڭ رولىغا چىققان، ئىككىنچى قېتىم 1984-يىلى «تېز تاماق ماشىنىسى»(快餐车) فىلىمىدىمۇ بىر پاھىشىنىڭ رولىغا چىقىدۇ...شۇنداق گۈزەل ئارتىس كەچكۈچە شۇنداقلا رولغا چىقىۋېرەمدىغاندۇ؟ دېگۈدەكلا.

    بۇ نۇقتىنى چېڭلوڭمۇ ھېس قىلغان بولسا كېرەك، 1986-يىلى «قېرىنداش باتۇرلار» دا لولاغا باش رول بېرىدۇ. لېكىن چېڭلوڭ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغاندەك تاغدا قوراللىق ئۇنسۇلارنى ئىزدەيدىغان يالغان پاھىشىنىڭ رولىغا چىقىدىغان كۆرۈنۈشنى قوشۇپ قويىدۇ.

    40 يىل بولاي دېدى، تورلاردا لولاغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار بەك ئاز، پەقەتلا ئۇنىڭ 1979-يىلى ئىسپانىيە خانقىزى بولغانلىقى ۋە 2002-يىلى تاماشا ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنىلا بىلىمىز. بەلكىم ئۇ مەلۇم بىر كىچىك شەھەردە ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزىۋاتقاندۇ.

    3. جاڭ مەنيۈ

    جاڭ مەنيۈ چېڭلوڭنىڭ فىلىملىرىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، مەسىلەن: 1983-يىلىدىن تارتىپ 1992-يىلىغىچە «ساقچى ھېكايىسى» يۈرۈشلۈكىدە ئۈچ قېتىم يانداش ئايال رولچى بولغان، 1987-يىلى «ئا پىلانىنىڭ داۋامى» ۋە «قوش ئەجدىھا» (双龙会) دا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك رول ئېلىش ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى جاڭ مەنيۈ چېڭلوڭنىڭ سۈرەتلىك ناخشىسى«ماڭا بىر پارچە زېمىن بېرىڭ»(你给我一片天)، «تۇيغۇ»(感受) دا رول ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا «رۇەن لىڭيۈ»(阮玲玉) قاتارلىق چېڭلوڭ مەبلەش سالغان فىلىملەردە رول ئالىدۇ. چېڭلوڭ ئەزەلدىن يېڭى ئارتىسلارنى يۆلىمەيدۇ دېيىلسە، جاڭ مەنيۈ بۇنداق ئەمەسلىكىگە مىسال بولىدۇ.

    2. لىن چىڭشيا

    چېڭلوڭغا ئۇچراشتىن بۇرۇن لىن چىڭشيا تەيۋەندىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى ئىدى، لىن چىڭشيانىڭ مەيلى رول ئېلىشى بولسۇن ياكى چىرايى بولسۇن ھېچقايسىسى كەم ئەمەس، ئەمما پەقەت «ساقچى ھېكايىسى» نىڭ بىر بۆلۈمىدىلا رول ئالغان، بۇ ئەسەر چېڭلوڭنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ.

    1. خۇ خۇيجوڭ

    خۇ خۇيجوڭ بالدۇرلا سەپتىن چېكىنگەن، شۇڭا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرى ئادەمگە بىر خىل زامان ئاتلىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ چېڭلوڭنىڭ ئەسىرىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، 70-يىللىرى خۇ خۇيجوڭ «كۈلگەن چىراي»(欢颜) ناملىق فىلىمى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان.

    بولۇپمۇ 80-يىللاردا خۇ خۇيجوڭ چېڭلوڭ، خوڭ جىنباۋ، يۈەنبياۋلارنىڭ فىلىملىرىدە رول ئالغان، ھەمدە چېڭلوڭ بىلەن ئالغان رولى بىلەن شياڭگاڭ ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتا قاتتىق داڭق قازانغان.

    جوۋ شىڭچى، ليۇ دېخۇالار تېخى چولپان بولماستا خۇ خۇيجوڭنى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن بىلەتتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكى، مۇلايىم، نازاكەتلىك تۇرقى ئەنئەنىۋى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىشقا بەك ماس كېلىدۇ. ھازىرغىچە ئۇنىڭ مەستانىلىرى بار. لېكىن ئۇ 1989-يىلى فىلىم مەيدانىدا پارتلاشقا ئۇچراپ، كۆيۈپ يارىلانغان بولغاچقا بالدۇرلا كىنو ساھەسىدىن خوشلىشىپ ھەممەيلەننى ئەپسۇسلاندۇرغان.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك