• خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى بېرنابۇدا بىۋاستە تارقىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 06:27
  • خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى بېرنابۇدا بىۋاستە تارقىتىدۇ

    بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. گەرچە خانلىق مادرىد مەستانىلەرگە 12 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بېلەت تەقسىم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن مەستانىلەر نەق مەيدانغا بارالمايدىغان بولغاچقا، خانلىق مادرىد بېرنابۇ توپ مەيدانىدا بۇ قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى بىۋاستە تارقىتىشنى قارار قىلغان.

    خانلىق مادرىد ئىجتىمائىي ئالاقە مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونكېرت مەزمۇن مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنگە بارغاندا مادرىدتىكى مەستانىلەر بېرنابۇ توپ مەيدانىدا بۇ مۇسابىقىنى بىۋاستە كۆرەلەيدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كوماندىلارنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا تۇنجى قېتىم بىۋاستە تارقىتىلىشى ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خانلىق مادرىد مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆز مەيدانىدا مەستانىلىرىگە مۇسابىقىنى بىۋاستە تارقىتىپ بەرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خانلىق مادرىد ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينالغان كۈنى بېرنابۇ توپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىغا چوڭ ئېكران قويۇپ مۇسابىقىنى بىۋاستە تارقىتىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك