• كىرىستىيانو رونالدو پۇتبول تىياتىرىدا فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : dilxat
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-10 09:30
  • كىرىستىيانو رونالدو پۇتبول تىياتىرىدا فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولىدۇ

    ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئىشلىگەندىن كېيىن، خانلىق مادرىدنىڭ داڭدار توپچىسى كىرىستىيانو رونالدو يەنە بىر يۈرۈشلۈك تىياتىرنىڭ ئىشلەش خىزمىتىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى باش رولچى ئۇ بولماستىن، ئامېرىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسى ئىكەن.

    «ھوللىۋود خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرىستىيانو رونالدو ئىجرائىيە فىلىم ئىشلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن بۇ ماۋزۇسىز تىياتىرنىڭ ئىشلەش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ فىلىمدە ئامېرىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا قىزلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدىكەن.

    كىرىستىيانو رونالدو بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇش ماڭا نىسبەتەن بىر قېتىملىق يېڭى بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بىر توپ تالانتلىق ھەم تىرىشچان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندا تېخىمۇ شۇنداق، ئۇلار پەزىلەتلەرنى تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەن.»

    20180510182518265.jpg

    «بۇ تىياتىر ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، داۋالغۇش بار، بۇ فىلىم ئوخشاشلا پۇتبولنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئەھمىيەتكە ئىگە، قىممەت قارىشىغا چېتىلىدۇ، رىقابەت، دوستلۇق، تىرىشچانلىق، ئىتتىپاقلىق، قىيىنچىلىق قاتارلىقلار بىر-بىرىگە بىرىكىپ كەتكەن. بىر جۈملە سۆز بىلەن يىغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە، مانا بۇ تۇرمۇش.»

    «مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشىم دەل تېلېۋىزور كۆرۈش.»

    بۇ تىياتىر پات ئارىدا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەشۋىق قىلىنىشنى باشلايدىغان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك