• كېلەركى پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-11 11:33
  • كېلەركى پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى

    ئىسپانىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئاياغلاشمىغان ئەھۋالدا كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇساپىسى ئاساسىي جەھەتتىن جەزملىشىپ بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە، كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى (ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئۈچ كۈن كېيىن، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى) ئاخىرلىشىدىكەن.

    ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىككىنچى ئۇچرىشىشى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بارسېلونا بىلەن سېۋىللا ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئارام ئېلىش ۋاقتىغا كىرىدۇ.

    كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شۇجاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكىگە ئوخشاش بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك