• لىۋېرپولنىڭ 4-ئايدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى: سالاھ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-11 11:26
  • لىۋېرپولنىڭ 4-ئايدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى: سالاھ

    لىۋېرپول ئورگان تورى: ھۇجۇمچى سالاھ كوماندىنىڭ 4-ئايدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالاندى. بۇ سالاھنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە يەتتىنچى قېتىم ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالىنىشى. 25 ياشقا كىرگەن سالاھ 4-ئايدا لىۋېرپولغا ۋاكالىتەن ئالتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئالتە توپ كىرگۈزگەن، ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 50 مەيدان مۇسابىقىدە 43 توپ كىرگۈزۈپ بولدى.

    سالاھ كوماندىنىڭ 4-ئايدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «يەنە بىر قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزگەنلىكىمنى، قانچە توپ كىرگۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق كوماندىغا ياردەم قىلالىغانلىقىمدىن خۇشال.»

    «مەن بۇ يەردە ئىنتايىن خۇشال، سەپداشلىرىمنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە بۇيەردىكى ھەممە نەرسە مېنى خۇشال قىلىدۇ، بىز بىر-بىرىمىزگە ياردەم قىلىمىز، شۇڭا مەن ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن خۇشال.»

    «بىزنىڭ يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقىمىز بار، شۇڭا بىز چوقۇم بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن. بۇ شەھەردىكى ھەممەيلەن ھاياجانلىنىۋاتىدۇ، توپچىلارمۇ شۇنداق.»

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك