• 100 مىليون بىلەن گىرېزماننى قوشۇۋالغىچە بۇلۇۋالساڭلار بولمامدۇ؟

  • يوللىغۇچى : كىنوچى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-11 11:20
  • 100 مىليون بىلەن گىرېزماننى قوشۇۋالغىچە بۇلۇۋالساڭلار بولمامدۇ؟

    مادرىد ئاتلېتكا يان بېكى فىلىپ لۇيىس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ زىيارەت جەريانىدا ئېنىق قىلىپ  بىرەر كوماندا بۇ يىل يازدا 100 مىليون ياۋرو چىقىرىپ گىرېزماننىڭ توختام بىكار قىلىش سوممىسىنى تۆلىسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ زور پايدا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    يېقىندىن بۇيان، بارسېلونا رەئىسى بارتومېئو، ئۇرۇگۋايلىق ھۇجۇمچى سۇئارېز قاتارلىقلار بارسېلونانىڭ گىرېزماننى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بارسېلونانىڭ بۇنچە «ھۆرمەتسىزلىكى»گە قارىتا مادرىد ئاتلېتكا ئورگان باياناتى ئېلان قىلىپ ئۇلارنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ توختاپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

    مادرىد ئاتلېتكىنىڭ يان بېكى فىلىپ لۇيىس مۇنداق دېدى: «100 مىليون ياۋرو بىلەنلا گىرېزماننى قوشۇۋېلىش؟ ياۋروپادىكى توپچىلارنىڭ ھازىرقى بازار باھاسىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ باھا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئەرزان. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئەگەر گىرېزمان ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلسا، ئۇنداقتا ئۇنى 100 مىليون ياۋرو بىلەنلا قوشۇۋېلىش زور پايدا تاپقانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھېچكىم مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئىنكار قىلالمايدۇ، مادرىد ئاتلېتكا توپچىلىرى، ھەتتا گىرېزمان ئۆزىمۇ شۇنداق ئويلايدۇ. مەن ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن گىرېزماننىڭ قىممىتىنىڭ تېخىمۇ ئۆرلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

    گىرېزمان بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مادرىد ئاتلېتكىغا ۋاكالىتەن 42 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، جەمئىي 27 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 14 ياردەمچى پاس بەرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە دەل گىرېزمان ئىنتايىن مۇھىم مېھمان مەيدان توپىنى كىرگۈزۈپ، مادرىد ئاتلېتكىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگۈزدى.

    ئەمما، گىرېزماننىڭ توختام بىكار قىلىش سوممىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئەسلىدىكى 200 مىليون ياۋرودىن 100 مىليون ياۋروغا چۈشىدىغان بولۇپ، شۇڭا ياۋروپادىكى چوڭ كۇلۇبلار فرانسىيەلىك بۇ ھۇجۇمچىنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

    مەنبەسى :نۇر تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك