• پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىكى ئاتامانلارنىڭ بالىلىق دەۋرى

  • يوللىغۇچى : زەپەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-11 11:46
  • پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىكى ئاتامانلارنىڭ بالىلىق دەۋرى

    ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇنتۇلماس بالىلىقى بولىدۇ، پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئاتامانلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇنداقتا قانداق ئاجايىپ بالىلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئۇلارنىڭ بۈگۈنىنى بەرپا قىلغان؟ ئۇلارنىڭ بالىلىقىنىڭ بىز بىلەن نېمە پەرقى بار؟

    شياۋمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېي جۈن: كىچىك كەشپىياتچى شياۋمىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. لېي جۈن كىچىكىدىنلا ئەقىللىك بولۇپ، كىچىك كەشپىياتلارنى كەشىپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئىلگىرى كەنتىدىكى تۇنجى ئېلېكتىر لامپىسىنى كەشىپ قىلغان ئىكەن. بەش ياش ۋاقتىدىن باشلاپ مەكتەپتە ئوقۇغان. بالىلىق ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئالدىراش بولغاچقا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمىغان، ھەتتا تاماقنىمۇ ئاشخانىدىن يېگەن، لېكىن لېي جۈننىڭ نەتىجىسى، تۇرمۇشى ناھايىتى رەتلىك بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۆزىنى كۈتۈشنى ئۆگىنىۋالغان. 

    ليەنشياڭنىڭ سابىق لىدىرى ليۇ چۈەنجى: كىچىكىدىن جۇ گېلياڭغا مەستانە ئىكەن.  ليۇ چۈەنجى كىچىكىدە قەھرىمانلار قىسسىسىنى ئوقۇشقا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، «سۇ بويىدا» ۋە «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نى نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولغان، بۇ ئىككى كىتاب ليۇ چۈەنجىنىڭ كىيىنكى ھايات يۆنىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ليۇ چۈەنجى مۇنداق دېگەن: «<ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە> دە كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان پېرسوناژ دەل جۇ گېلياڭ، ئۇ ناھايىتى پەم - پاراسەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالدى، بۇ كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.»

    ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن: ماتېماتىكىغا ئۆچ، ئىنگلىز تىلىغا ئامراق. ما يۈن كىچىكىدىن دەرسلەردە ياخشى ئەمەس بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىككى قېتىم بەرگەن، ماتېماتىكىدا 31 نومۇر ئالغان. پەقەت ئىنگلىز تىلى نەتىجىسىلا ياخشى بولۇپ، سەۋەبى مۇنداق ئىكەن: «دادام مېنى تىللىسا، مەن ئىنگلىزچە گەپ ياندۇراتتىم، ئۇ ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ، مەن تىللاپ پۇخادىن چىقاتتىم، ئۆگەنگەنسېرى ئۆزۈمنى شۇنچە قالتىس ھېس قىلدىم.» بۇ سۈرەت 1980-يىلى تارتىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ما يۈن 12 ياش ئىدى. گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن خاڭجۇدىكى شىخۇغا كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلىتىمىزگە ساياھەتكە كەلگەن ئاۋسترالىيەلىك ئۆسمۈر بىلەن پاراڭلىشىپ، چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتىنى تېزلەتكەن ھەم نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 

    جىڭدوڭنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ چياڭدوڭ: ناخشىچى بولغۇسى بار ليۇ چياڭدوڭ زومىگەر لېدىرغا ئايلانغان. ليۇ چياڭدوڭنىڭ بالىلىقتىكى ئارزۇسى ناخشىچى بولۇش ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ ناخشىچى بولۇش ئارزۇسىنى ئاپىسى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىۋەتكەن، ئاپىسى ئۇنىڭغا ئاۋازىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ليۇ چياڭدوڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدا تۇرغان كەنت ناھايىتى نامرات ئىكەن. بالىلىقتىكى نامراتلىق ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇرغان، ئۇنىڭ بالىلىقتىكى يەنە بىر ئارزۇسى چوڭ خوجايىن بولۇش ئەمەس، بەلكى كەنت باشلىقى بولۇش ئىكەن.

    بەيدۇنىڭ قۇرغۇچىسى لى يەنخوڭ: چاڭچىلىگە قىزىقىدىغان لى يەنخوڭ ئاخىرىدا IT پىروگراممىچىسىغا ئايلانغان. لى يەنخوڭنىڭ كىچىك ۋاقتىدا، دادىسى دائىم ئۇنى ئېلىپ چاڭچىلە كىنولارنى كۆرگىلى بارىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاڭچىلىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئۇ دائىم كىرلىكنى پىلاش قىلىپ، كالتەكنى نەيزە قىلىپ ئوينايدىكەن. سەنشى ياڭچۇەن جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، لى يەنخوڭ ئىلتىماس قىلغان، ئۆمەكتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ تالانتى بار دەپ قاراپ، ئۇنى قوبۇل قىلغان. لېكىن لى يەنخوڭنىڭ چاڭچىلە قىزغىنلىقى ناھايىتى تېزلا سۇسلاپ كەتكەن، چاڭچىلىگە قارىغاندا، مەكتەپتە ئوقۇش ئۇنى تېخىمۇ جەلپ قىلغان.

     

    ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك: ئۆگىنىش مېنى شادلاندۇرىدۇ. 1971-يىلى، ئاتا-ئانىسى تىم كۇك ۋە ئۇنىڭ ئۈچ قېرىندىشىنى ئېلىپ روبېرتسدالغا كۆچۈپ كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 11 ياش بولۇپ، شۇ يەردىكى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇ ناھايىتى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، يەنە يىلنامە تۈزۈش ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ، كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل بولغان. ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى، خىزمەتتە دائىم قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۇك سىنىپىغا ۋەكىل بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان، ساۋاقداشلىرى ئۇنى ئىزچىل «ئەڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچى» دەپ سايلىغان.

     

    تېسلا ۋە Spacexنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسىك: ھەممىگە قادىر ئىلمىي فانتازىيە مەستانىسى. ماسك 1971-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇغۇلغان. ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بەك جاپالىق بولۇپ، ناھايىتى كىچىك ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى باشلىغان. ئۇ دائىم كۈنىگە 10 سائەت ئەتراپىدا ئىلمىي فانتازىيەلىك رومان ئوقۇغان، ھەم پۈتۈن بۈيۈك بىرىتانىيە قامۇسىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن. 1981-يىلى، 10 ياشلىق ماكىس تۇنجى كومپيۇتېرغا ئېرىشكەن ھەم يۇمشاق دېتال پىروگراممىسىنى تۈزۈشنى ئۆگىنىۋالغان. 1983-يىلى، 12 ياش ۋاقتىدا «Blastar» ناملىق ئويۇننى غەلىبىلىك لايىھەلەپ چىققان ھەم 500 دوللارغا ساتقان. 

    فېيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكېربېرگ: كومپيۇتېر دەل ئۇنىڭ بالىلىقى. 1984-يىلى، مارك زاكېربېرگ نىيۇيورك ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ بالىقى ئاساسەن چەكلىمىسىز ئەركىن تەرەققىي قىلغان، غىزالىنىش، ئوقۇش، ئۇخلاشتى باشقا ۋاقتى ۋە زېھنىنى كومپيۇتېرغا سەرپ قىلغان. نۇرغۇن تورغا خۇمار بولغان بالىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇ تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قالمىغان، بەلكى ئاساسەن كومپيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارنى تەتقىق قىلغان. 

    مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس: مەن غەلىتە ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق، مېنى توختاپ قال دېمەڭلار. ئىگىلىنىشىچە، بىل گەيتىس كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى «ئىشەنچسىز» بولۇپ، بۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ بىرى بولسا «ئەبجەشلىك» ئىكەن، ئوڭ-سول پۈتىغا كىيگەن پايپىقى ئوخشىمايدىكەن، ئايىقىنى بوينىغا ئېسىۋالىدىكەن، ئۈستىگە تاۋۇز شاپىقىدىن ياسالغان يىلان تېرىسىنى ئارتىۋالىدىكەن. كىچىكىدە بىل گەيتىسنىڭ زېھنى ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، تەپەككۇر قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن، بېرىلگەن ئىشىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن قىلىدىكەن. يەسلىدىكى ۋاقتىدا تۇغما ئويۇنخۇمار بىل گەيتىس بىر ياغاچ ئاتنىڭ ئۈستىدە تەۋرىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغان، كىچىك بىل گەيتىس ياغاچ ئاتنىڭ ئۈستىدە توختىغاي تەۋرەنگەن، ھەتتا دەرس ۋاقتىدىمۇ ئات مىنگەنگە ئوخشاش تەۋرەنگەن، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئۈنى «ياغاچ ئاتلىق شاھزادە» دەپ ئاتىغان. 

    ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس: ئوقۇغاندىكى خۇشاللىقى دەل بىمەنە چاقچاق قىلىش ئىكەن. مونتىۋىيو شەھىرىدىكى مۇنتا لوما باشلانغۇچ مەكتىپىدە كىچىك جوبىس مەكتەپ ھاياتى باشلىغان ئىدى. دەسلەپتە ئۇ مەكتەپتىكى چەكلىمىلەردىن بىزار بولۇپ، مەكتەپتىكى تۇرمۇش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قارىغان ھەم ھەرخىل بىمەنە چاقچاقلارنى قىلغان. دەرس ۋاقتىدا، ئوقۇغۇچىلار ۋېلىسىپىتلىرىنىڭ مەخپىي نومۇرلۇق قۇلۇپىنى قۇلۇپلاپ قوياتتى. جوبىس دوستى بىلەن ھەر بىر ساۋاقداشلىرىنىڭ مەخپىي نومۇر بىرىكمىسىنى بىلىۋېلىپ، مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىپ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. ساۋاقداشلىرى دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن ۋېلىسىپىتىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچالمىغان.

    مەنبەسى :تېڭشۈن nur.cnتەرجىمىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك