• سالاھ: بۇ تېخى باشلىنىش مېنىڭ كەلگۈسۈم لىۋېرپولدا

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-11 11:58
  • سالاھ: بۇ تېخى باشلىنىش مېنىڭ كەلگۈسۈم لىۋېرپولدا

    لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى سالاھ ئۆزىنىڭ لىۋېرپولدىكى كەلگۈسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق لىۋېرپولدا قالىدىغانلىقىنى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى قالتىس ئىپادىسىنىڭ پەقەتلا بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

    سالاھ لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى قالتىس ئىپادىسى يەنە بىر قېتىم باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ يەنە ئېنگلاند توپچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئېنگلاند مۇخبىرلار ئۇيۇشمىسى تاللاپ چىققان يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن سالاھنىڭ لىۋېرپول بىلەن تۈزگەن توختامى 2022-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 43 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن. خانلىق مادرىدنىڭ بۇ يىل يازدىكى قوشۇۋېلىش نىشانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سالاھ ئۆزىنىڭ لىۋېرپولدىكى كەلگۈسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ئىنتايىن خۇشال، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ئىنتايىن قالتىس. مەن ئەلۋەتتە داۋاملىق ھالدا لىۋېرپول ئۈچۈن توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەر بىزنىڭ ئىنتايىن قالتىس بىر مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمىزنى كۆردۈڭلار، بىز ئەمدى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمىز.»

    «بۇ بىر باشلىنىش، بۇ مېنىڭ لىۋېرپولدىكى تۇنجى يىلىم، مېنىڭ بىر قانچە سەپدىشىممۇ مەن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا لىۋېرپولغا قوشۇلغان، مېنىڭ سەپىرىم ئەمدى باشلاندى.»

    لىۋېرپول بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە خانلىق مادرىد بىلەن ئوينايدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالىدۇ، سالاھ بۇ توغرىسىدا كۇلۇبنىڭ ئالدى بىلەن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بىرلەشمىدىكى تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە لىۋېرپولنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ قالتىس كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    «مەن بىزنىڭ كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىمىزگە ئىشەنچىم بار، بىز ھەل قىلغۇچقا كىرىش جەريانىدا مانچېستېر شەھىرى، رىم قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلدۇق، بۇمۇ بىر باشلىنىش.»

    «بىز ئالدى بىلەن بىرلەشمىدە كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشىمىزنى مۇقىملاشتۇرىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىمىز، بىز چوقۇم خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايمىز.»

    مەنبەسى :نۇر تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك