• ئىنېستا: نېيمارنىڭ قايتىشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىش لېكىن مەسىلە يوق

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-11 11:32
  • ئىنېستا: نېيمارنىڭ قايتىشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىش لېكىن مەسىلە يوق

    بارسېلونا كاپىتانى ئىنېستا يېقىندا «ئا س گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا قاچان ئېنىق قارار چىقىرىدىغانلىقى ھەمدە نېيمارنىڭ پارىژ سانت گېرماندىن ئايرىلىش ئۇچۇرلىرى، گىرېزماننىڭ قوشۇلۇشى ئۈستىدە توختالغان.

    ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا: «بۇنى بىرلەشمە ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىمەن، ھازىر ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۆپ تاللاشلار بار، مەن چوقۇم ئۆزۈم ئەڭ ياخشى دەپ قارىغاننى تاللايمەن. ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرلۈك كۇلۇبىم بىلەن خوشلىشىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش. ئەمەلىيەتتە بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، بۇ ئىقتىساد مەسىلىسى ئەمەس. گەرچە بەزى باھالار ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن يۇقىرى قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا پۇتبولنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن، شۇ كوماندا بار شەھەرنى، ئوبرازنى، تۈرلۈك شارائىتلارنى ئالدىن ئويلىشىمەن، مەن چوقۇم رىقابەت ۋە ئائىلە جەھەتتە ياخشى ئويلىشىشىم كېرەك.»

    بارسېلونانىڭ ئۆزىنىڭ ئىزباسارىنى تېپىشى توغرىسىدا: «بۇ ئورۇننى تولۇقلايدىغان مەسىلە ئەمەس، بۇنىڭدىن بۇرۇن پۇيول، شاۋىلارغا ئوخشاش ئۇلۇغ توپچىلارمۇ كوماندىدىن ئايرىلغان، ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى. بىزنىڭ ئورنىمىزنى تولدۇرۇش؟ بۇ بىر خاتا قاراش، خۇددى دېنىسلارغا ئوخشاش، ئۇلار بۇيەردە توپ تېپىۋاتىدۇ ھەمدە چوقۇم بارلىق تالانتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندىلا ھازىر ئىگە بولغان نەرسىلەردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.»

    گىرېزماننىڭ بارسېلوناغا قوشۇلۇشى توغرىسىدا: «مېنىڭچە گىرېزمان دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، لېكىن مەن ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قەيەردە بولىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن. ئۇ ھازىر مادرىد ئاتلېتكىنىڭ توپچىسى، ئەگەر بارسېلوناغا كەلسە، ئۇنداقتا بۇ بىر ئۇلۇغ سودا بولىدۇ، ئەگەر قوشۇلمىسا، ئۇنداقتا كۇلۇبنىڭ باشقا تاللىشى بولىدۇ.»

    نېيمارنىڭ پارىژ سانت گېرماندىن كەتمەكچى بولۇشى ۋە بارسېلوناغا قايتىش مۇمكىنچىلىقى توغرىسىدا: «مەن ئۇقمايمەن، بۇ سوئالنى كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلام خادىملىرىدىن سوراش كېرەك، ئەگەر كۇلۇب نېيمارنى بارسېلوناغا نىسبەتەن مۇھىم توپچى دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، ئۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە باشقا مەسىلىلەرگە ئۇچرىمايدۇ، لېكىن بۇ خىل ئىشلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.»

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك