• ئېلىمىز چولپانلىرىنىڭ بىر قىسىم غەلىتە ئادەتلىرى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-16 12:03
  • ئېلىمىز چولپانلىرىنىڭ بىر قىسىم غەلىتە ئادەتلىرى

    چولپانلار ئېكراندا ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى چولپان ئەڭ مۇكەممەل. لېكىن ھەر قانچە كاتتا چولپان بولسىمۇ يەنىلا ئانچە-مۇنچە ئۇششاق ئىللەتلەردىن، غەلىتە خۇيدىن ساقلىنالمايدۇ. بەزىدە غەلىتلىكىلەر شۇ ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىپ قالىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە بىز يېڭى چولپانلارنىڭ قانداق غەلىتە ئادەتلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز:

    ۋەن چيەن:

    ۋەن چيەن ئۆزىنىڭ يېڭى ئولتۇرۇش قىياپىتىنى تورغا يوللاپ: «ۋەن چيەنچە ئولتۇرۇش» دەپ ئىزاھلىغان. قارىساقلا بۇنداق قىلىشنىڭ خېلىلا تەس ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئادەتتىكى ئادەملەر ھەرگىزمۇ قىلالمايدۇ.

    يول بويىدىكى پاكار تۈۋرۈكتە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان ۋەن چيەنگە قاراپ ھاڭۋېقىپ قالغىنىمىزنى يوشۇرمايمىز. ھەقىقەتەن يامانكەن، تورداشلار ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىگە تەھسىن ئوقۇشقان. لېكىن يىقىلىپ كېتىپ قالسا قانداقمۇ قىلار دېگەن مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلغان.

    يىياڭ چيەنشى «مانا بۇ كوچا ئۇسسۇلى» ناملىق پىروگىراممىغا قاتناشقاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە داڭقى چىقتى. 17 يېشىدىلا 40 مىليون مەستانىگە ئىگە بولدى. بۇنداق مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرنىڭ قانداق غەلىتىلىكلىرى باردۇ؟ ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاياغ بوغقۇچىنى باغلىشى ناھايىتى ئاخسا بولۇپ، بىر غەلىتە ئادەتكە تەۋە قىلساق بولىدۇ، سىرتىدىن قارىماققا شۇنداق سوغۇققان، پوزۇر كۆرۈنىدىغان يىيىڭ چيەنشى ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل قارىشى ئۈستۈن بىر يىگىت.

    ئۇنىڭ ئاياغ بوغقۇچىغا قارايدىغان بولساق، ھەر خىل شەكىلدە چىگىلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز، يەنە تېخى تۆت يىللىق ناخشا كېچىلىكىدە بەش ۋار شەكلىدە چىگىۋالغان ئاياغ بوغقۇچىمۇ ناھايىتى قالتىس، بۇ نۇسخىلىق ئاياغ ئۇنىڭ تۆھپىسىدە شىددەت بىلەن سېتىلغان.

    ۋاڭ جۈنكەي:

    ئۇ جىم ئولتۇرغاندا مۇلايىملىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماشىنا دېرىزىسىدىن سەكرەپ كىرگەن ھالىتىگە قاراپ، ئۇنىڭ كەپسىزلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

    يەنە ئاڭلىشىمىزچە ئۇنىڭ يىراققا سەكرىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، تۆت مېتىرغا سەكرەيدۇ دەيدۇ. بۇ ئېرسىيەت ئوخشىمامدۇ؟

    دىلرابا:

    بەك قىززىق نۇقتىلىق بولۇپ كەتكەن دىلرابا نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە ئاسىيادىكى ئەڭ ئالقىشلىق ئايال چولپان بولۇپ قالدى. ئوماق، ئاقكۆڭۈل دىلرابانىڭمۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر نۇقسانى بار، يەنى ئۇ مەيلى پائالىيەتتە بولسۇن ياكى ئارام ئالغاندا بولسۇن ھەمىشە كالپۇكىنى يالاپ قويىدۇ، يەنە كېلىپ بۇنداق ھالىتى كۆپ قېتىم سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان، بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەچكە ئۇنىڭ قانچىلىك لەۋ سۇرۇخىنى يەۋەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

    جېڭ شۇاڭ:

    تاماشا چەمبىرىكىدە جېڭ شۇاڭنىڭ نۇرغۇن نۇقسانلىرى بار، لېكىن بۇ نۇقسانلار ھەممە ئادەمدە بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم بىر پىروگىراممىدا جېڭ شۇاڭ ئۆزىدىكى زورلاتقۇلۇق كېسىلى ھەققىدە توختالغان. بارلىق نەرسىلەرنى چوقۇم رەتلىك قويۇلۇشى كېرەك، ئاشخانىدىكى نەرسىلەرنى چوقۇم بىر-بىرلەپ ئورنىغا قويۇلۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاندىن راھەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنداق زورلاتقۇلۇق كېسىلى سىلەردە بارمۇ؟

    جاڭ يىشىڭ:

    ئۇنىڭ پات-پات قىلىچ يۇتۇپ قويىدىغان ئادىتى بولۇپ، مەستانىلەر كۆرۈپ ھەيران قالغان. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك