• رونالدو بىلەن راموس ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچىنىڭ كوماندىغا قوشۇلىشىغا قارشى تۇردى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-16 12:46
  • رونالدو بىلەن راموس ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچىنىڭ كوماندىغا قوشۇلىشىغا قارشى تۇردى

    بېل بىلەن بېنزېمانىڭ بۇ پەسىللىك ئىپادىسى خانلىق مادرىد رەئىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، شۇڭا فىلورېنتىنو ئۇلارنى سېتىشنى قارار قىلدى. ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ھۇجۇمچى فىلورېنتىنوغا ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ كېلەر پەسىل خانلىق مادرىدتا توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

    خاررى كېننى قوشۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، فىلورېنتىنڭ بۇ توپچىنى قوشۇۋېلىپ بېنزېمانىڭ ئورنىغا قويۇشقا قىزىقىدىكەن. بىراق رونالدو بىلەن راموس رەئىسنىڭ ئۇ توپچىنى قوشۇۋېلىشىغا قارشى تۇرغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ توپچى خانلىق مادرىدنىڭ سەپ شەكلىگە ماس كەلمەيدىكەن. رونالدو ئىلگىرى رەئىسكە كۆپ قېتىم بېنزېمانىڭ ئورنىغا توپچى قوشۇۋالمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، شۇ پۇلغا باشقا ئورۇننى تولۇقلايدىغان توپچى قوشۇۋېلىشنى ئېيتقان.

    بۇ يەردىكى خانلىق مادرىدقا قوشۇلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان توپچى دەل ئىكاردى. بۇ يىللىق قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا فىلورېنتىنو ئارگېنتىنالىق بۇ ھۇجۇمچىنى قوشۇۋالماقچى بولغان، بىراق زىدانىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىغان. ھازىر ئىكاردى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر خەلقئارا مىلان كېلەر پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىسە، كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    رونالدو بىلەن راموسنىڭ قارشى تۇرىشىدا ئىكاردىنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن. بىراق مادرىد ئاتلېتكا كوماندىدىن ئايرىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى گىرېزماننىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىكاردىنى قوشۇۋالماقچى، شۇڭا ئىكاردى خانلىق مادرىدنىڭ قوشنىسى مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلسىمۇ، ئۇنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك