• ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز تاماقتىن كېيىن بۇ بەش ئىشنى قىلماڭ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-16 12:41
  • ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز تاماقتىن كېيىن بۇ بەش ئىشنى قىلماڭ

    1. تاماق يەپ بولۇپلا چاي ئىچمەڭ.

    چاي ئىچىشلىك بولسىمۇ، تاماقتىن كېيىنلا چاي ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس. چاي ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىنى تېزلىتىدۇ. لېكىن چاي تەركىبىدىكى تاننىن ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، قاتتىق ماددا ھاسىل قىلىپ يىمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن ئاقسىلنىڭ نورمال سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا ئادەم ئورۇقلاپ، ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ھەتتا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن تاماقتىن كېيىن دەملەنگەن چاي بىلەن ئېغىز چايقاشقا بولىدۇ.

    2. تاماقتىن كېيىنلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە بولمايدۇ.

    تاماقتىن كېيىنلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە كاناي ۋە ئاشقازان قىسىملىرىدا غىدىقلاش پەيدا بولۇپ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشىنى ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    3. تاماقتىن كېيىنلا تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ.

    تاماقتىن كېيىنلا تاماكا چېكىش ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر بېغىشلايدۇ، لېكىن بۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىمۇ ئەڭ چوڭ. تاماقتىن كېيىن دەل ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنىڭ كۈچلۈك ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازاندىكى قاننىڭ ھەممىسى ئاشقازانغا يىغىلغان بولىدۇ. بۇ چاغدا چەككەن شۇ  تاماكىنىڭ ئىسى ئاشقازانغا كىرىپ ئوڭايلا قاننىڭ ئايلىنىشى بىلەن بىللە تارايدۇ. شۇڭا تاماقتىن كېيىنلا چەككەن تاماكىنىڭ خەتىرى ئادەتتە چەككەندىنمۇ بەك چوڭ بولىدۇ.

    4. تاماقتىن كېيىنلا دەرھال ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ.

    كونىلاردا تاماقتىن كېيىن 100 قەدەم ماڭغان ئادەم 99 ياشقىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ دەيدىغان گەپ بار. لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ تاماقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىرى بار، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە پايدىسىز. تاماقتىن كېيىنكى جىددىي ھەرىكەت مۇسكۇللارنىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازانغا يەتكۈزىلىدىغان قان ئازلايدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا پايدىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماقتىن كېيىنلا ھەرىكەت قىلغاندا ئاشقازاننىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    5. تاماقتىن كېيىن دەرھاللا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.

    تاماق يېگەندە ئادەم ئىسسىپ تەرلەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر راھەتلىنىش ئۈچۈن ئىسسىق سۇدا بىر يۇيۇنىۋېلىشنى ئويلايدۇ. بىراق تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەندە شۇنىڭغا ئەگىشىپ قاننىڭ ئايلىنىشىمۇ كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش يولىغا يەتكۈزىلىدىغان قان مىقدارىغا تەسىر يېتىدۇ-دە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر ئۇنداقتا سوغۇق سۇدا يۇيۇنسىغۇ بولار دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى قورساق قىسمى سوغۇق سۇنىڭ تەسىرىدە تارىيىپ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلا ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تاماقتىن كېيىن يېيىشكە بولمايدىغان، قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار نۇرغۇن. بىز بۇيەردە پەقەت ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە تۈرلۈك ئىشنىلا دەپ ئۆتتۇق. كۆپچىلىكنىڭ تەن سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ ئاشقازىنىنى ئوبدان ئاسرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك