• تارىختىكى بۈگۈن: زىدانى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تارىخىي توپىنى كىرگۈزگەن

  • يوللىغۇچى : kinoqi
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-16 12:50
  • تارىختىكى بۈگۈن: زىدانى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تارىخىي توپىنى كىرگۈزگەن

    تارىختىكى بۈگۈن، يەنى 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە زىدانى پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ئىنتايىن چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن بولۇپ، خانلىق مادرىدنىڭ 1:2 نەتىجە بىلەن لېۋېركۇسېننى مەغلۇپ قىلىپ توققۇزىنچى قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان.

    بۇ مۇسابىقىدە رائۇل تۇنجى توپنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئارقىدىن لۇسىئو نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرگەن. 45-مىنۇتتا كارلوسنىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا «دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت توپچى» دېگەن نامى بار زىدانى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ تارىخىغا كىرگۈزۈلگەن بۇ توپنى كىرگۈزگەن.

    بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا ئىنتايىن چىرايلىق تەتۈر ئىلمەك توپ كىرگۈزگەن. مۇخبىرلار زىدانىدىن ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىرگۈزگەن توپى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو كىرگۈزگەن تەتۈر ئىلمەك توپنىڭ قايسىسىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، زىدانى مۇنداق دەيدۇ: «مۇتلەق مەن كىرگۈزگەن توپ! كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپى تارىختىكى ئەڭ نادىر توپلارنىڭ بىرى، لېكىن مەن كىرگۈزگەن ئۇ توپ تېخىمۇ چىرايلىق كىرگەن.» يەنە 12 كۈندىن كېيىن، زىدانى خانلىق مادرىدنى يېتەكلەپ خانلىق مادرىد تارىخىدىكى 13-قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك