• شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-23 04:34
  • شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن

    شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن
    گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئادىلجان
    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانى − شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى باش قوللانما، باش پىروگرامما.
      «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى مالىمان قىلىش غەرىزىدىن يانماي، مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، مەن بۇرچنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر يۈكنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
      پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى ئۆز ئىشىمىزغا ئۆزىمىزنى ئىگە قىلغانلىقىنى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىغا باشلىغانلىقىنى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى بەختلىك، خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، كومپارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، مەيدانىمىز ناھايىتى مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بۇرچىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ھايات- ماماتلىق پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىمىز، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشىمىز، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
      كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئارازچىلىق پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنى شىددەتلىك كۈچ بىلەن قەتئىي يوقىتىپ، پاكپاكىز تازىلىشىمىز كېرەك.
      مەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتىلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي قوغدايمەن.
    مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك