• دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسىمەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-23 04:28
  • دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسىمەن

    دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسىمەن
    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى قەدىرىيە
    مەن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان گۈزەل بورتالادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، ئۇزاقتىن بۇيان، مەن مۇشۇنداق بىر- بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان چوڭ ئائىلىدە ياشاپ كەلدىم. بۇ بىرقانچە يىلدا، پارتىيەنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئىتتىپاق، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا ئىگە جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، خەۋپنى ئېنىق تونۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرىمەن.
      دادام بورتالا شەھىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دادامنىڭ ھەر مىللەت دوستلىرى بار، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ، دائىم ئۆزئارا ئۆيلىرىگە بېرىپ مېھمان بولۇشىدۇ. مەن مۇشۇنداق كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشايدىغانلىقىنى، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن چوقۇم ماركسىزملىق «بەش قاراش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەمنى مۇستەھكەملەيمەن.
      ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىسى، مەدەنىيلىكنىڭ تارقاتقۇچىسى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇشنىڭ ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.
      مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىم بىلەن، ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن. ئاكتىپ كۈچنى، مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىقنى، دوستلۇق ۋە ئۈمىدنى پائال تارقىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق گۈللىرىنى پەرۋىش قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
    مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك