• يېڭى دېھلىدا تېمپېراتۇرا 47 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 05:24
  • يېڭى دېھلىدا تېمپېراتۇرا 47 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى

     ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۇدا 5 كۈن 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشتى. شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى دېھلىدا 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 47 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن.

      بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان، يېڭى دېھلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى بارھامنىڭ تېمپېراتۇرىسى 46 سىلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن، بۇ ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئوتتۇرىچە قىممەتتىن 4 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان. ھىندىستان مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، تېمپېراتۇرا 45 سېلسىيە گىرادۇس ياكى تېمپېراتۇرا 40 سىلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولسا، ئىسسىق دولقۇن سىگنالى ئېلان قىلىنىدىكەن.

      مېتېئورولوگىيە تارمىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى دېھلى رايونىدا 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ياكى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى يامغۇر يېغىشى مۇمكىن بولۇپ، كىشىلەر ۋاقتىنچە سالقىنلىققا ئېرىشىدىكەن.

      ھىندىستان مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىمى، غەربىي قىسىمى ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا بۇ يىل يازدا چىدىغىلى بولمايدىغان ئىسسق بولىدۇ، دېگەن.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭدا 2020 - يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمى كېچىكتۈرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يولغا چىقتى

    1970-01-01 08:00