• يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دىلرابا قايسى تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئالدى؟

  • يوللىغۇچى : aygul
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-28 06:03
  • يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دىلرابا قايسى تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئالدى؟

    يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئايال چولپان دىلرابا ئۇدا كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئېلىپ، 13 كە يېقىن تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلۇپ بولدى. ئۇنىڭ يېقىندا قويۇلغان «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى باشلىنىپ، 15- قىسىمغا كەلگەندىلا توردا 900 مىليونغا يېقىن كۆرۈلۈپ، ھەتتا مىكرو بىلوگتىمۇ بىر مىليارد 400 مىليونغا يېقىن مۇنازىرە قوزغاپ، تورداشلارنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ھەمدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇنداقتا، 92-يىلى تۇغۇلغان بۇ قىز قايسى تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئالدى؟

    ئالدى بىلەن دىلرابانىڭ ئىلگىرى باش رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئانارخان» كەڭ نۇرداشلارغىمۇ ناتونۇش ئەمەس. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇنىڭ رول ئالغان تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. «ساھىبجامالنىڭ مەيدانغا كېلىشى» (美人制造)دە چىنچېڭ ئىسىملىك قىزنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئالاھىدە تۇرقى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەمدە «كاراتلىق مۇھەببەت»تە گاۋ ۋېننىڭ رولىنى ئېلىپ، بىراقلا داڭق قازانغان.

    لى يىفېڭ بىلەن ھەمكارىلىشىپ رول ئالغان «قەدىمكى قىلىچ رىۋايىتى»دە (古剑奇谭)دە فۇچۇ سىڭىلچاقىڭ رولىنى ئېلىپ، «شامالدىكى قىسمەت» (风中奇缘)تە لى جى ئوبرازىنى ياراتقان. «بەن شۇ ھەققىدە قىسسە» (班淑传奇)نىڭ يەنە بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغان «لۇ جېن ھەققىدە قىسسە» (陆贞传奇) دە شياۋلوڭتاۋنىڭ رولىنى يەنى كىروران مەلىكىسىنىڭ رولىنى ئالغان. 

    ئارقىدىن، دىلرابا «ئالتە قاناتلىق ئىشىك» (六扇门)تە لىن يىفېڭ بىلەن رەقىب بولىدىغان ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ، ياشلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تەنناز ئۆزگىرىش خاتىرىسى» (麻辣变形计)دە تەنناز ۋە ئاتتەك ئايال باش پېرسوناژ گۇەن شياۋدىنىڭ رولىنى ئېلىپ، ما كې بىلەن ھەمكارىلاشقان. «لى جى ھەققىدە قىسسە» (秦时丽人明月心) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا خىزمەتدىشى بولغان جاڭ بىنبىن بىلەن باش رول ئالغان.

    ئەڭ ئاخىرىدا تونۇشتۇرىدىغىنىمىز، «چىرايلىق قىز لى خۇيجېن»، «زاماندىن ھالقىغان رىشتە» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرى. دىلرابا «چىرايلىق قىز لى خۇيجېن»دا ياسىنىشى غەلىتە، ئاقكۆڭۈل قىز لى خۇيجېننىڭ رولىنى ئالغان. «زاماندىن ھالقىغان رىشتە»دە بولسا، بەي فېڭجيۇنىڭ رولىنى ئالغان. بەلكىم بۇ ئوبرازى پۈتكۈل تورداشلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئوبرازى بولسا كېرەك. ئۇنداقتا، كۆپچىلىك ئۇ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟

    مەنبەسى :sohu


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك