• دىلرابا تەلەپ قويغان پاتو كانادالىق داڭلىق مودىل بىلەن مۇھەببەتلەشتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-30 12:09
  • دىلرابا تەلەپ قويغان پاتو كانادالىق داڭلىق مودىل بىلەن مۇھەببەتلەشتى

    20180529221339583.jpg


    يېقىندا ئارىدىكى بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا ئوينىغىلى بارغان پاتونىڭ يېنىدا بىر ساھىبجامالنىڭ كۆلەڭگىسى پەيدا بولدى، ئۇ بولسىمۇ كانادالىق دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل دەنېل كنۇدسېن (Danielle Knudson) بولۇپ، ئۇ پاتونىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىغان. كۆپچىلىك پاتونىڭ يېڭى مۇھەببىتىنى باشلىغانلىق توغرىسىدا قىياسلارنى قىلىپ بولغىچە پاتو بىلەن دەنېل ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاشىق-مەشۇق مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىدى.

    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، پاتو ئىجتىمائىي ئالاقە تور سۇپىسىدا مودېل دەنېل كنۇدسېننىڭ بىر نەچچە پارچە سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەنىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

    بىراق مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولغان بۇ بىر جۈپلەر ئىجتىمائىي تور سۇپىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاشىق-مەشۇقلۇق مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مانخاتتاندىكى تام سىزما رەسىملىرىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى. پاتو تام سىزما رەسىمىگە «I choose love»(مەن مۇھەببەتنى تاللىدىم) دېگەن خەتنى قوشۇپ قويغانىدى، ئارقىدىنلا دەنېل كنۇدسېن «مۇھەببەت» نى ئىپادىلەيدىغان چىراي ئىپادىسى سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى، شۇنىڭ بىلەن پاتونىڭ يېڭى سۆيگىنى رەسمىي مۇقىمدالدى.

    دەنېل كنۇدسېن كانادالىق داڭلىق ئىچ كىيىم مودېلى بولۇپ، بەدەن قۇرۇلۇشى تەنناز، تاشقى قىياپىتى نازاكەتلىك ساھىبجامال، ئۇ بۇرۇن كانادالىق چويلا توپ ماھىرى مىلوس رىئانىك(Milos Raonic) بىلەن ئارىلاشقان.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك