• خوتەن چېڭدۇغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-30 01:21
  • خوتەن چېڭدۇغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدۇ

     6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، خوتەن-چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يولۇچىلار خوتەندىن بىۋاسىتە چېڭدۇغا ئۇچالايدۇ، ئۈرۈمچىدە توختىمىسىمۇ بولىدۇ.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىدە ھەر چارشەنبە، سەيشەنبە، پەيشەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى CA4037/4038 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. CA4037 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى سائەت 12:35 ئۆتكەندە چېڭدۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16:55 ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە CA4038 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17:45 ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:45 ئۆتكەندە چېڭدۇ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

      يەنە بىر نۆۋەت ئۇچۇش ۋاقتى ھەر يەكشەنبە كۈنى بولۇپ، CA4037 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 06:40دە چېڭدۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:00دە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە CA4038 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 12:00دە خوتەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16:00دە چېڭدۇ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

      «ئىلگىرى خوتەندىن شىنجاڭنىڭ سىرتىغا قاتنىماقچى بولساق، ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە ئۇچۇپ، ئايروپىلان ئالماشقاندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارالايتتۇق، بۇنىڭدا ۋاقىت سەرپىياتىمۇ جىق ئىدى» دېدى خوتەن شەھەر ئاھالىسى چېن گۇاڭخۇي. بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، خوتەن بىلەن چېڭدۇدىن ئىبارەت ئىككى شەھەر ئارىسىدىكى مۇساپىنى بېسىش ئۈچۈن تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، يول ئازابى تارتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

      جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان بىۋاسىتە شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىن بىۋاسىتە چېڭدۇغا ئۇچىدىغان 9-ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىكەن. بۇ قاتناش ئىشلىرىنىڭ قولايلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىككى جاي ئارىلىقىدىكى ئىقتساد، سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

      مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خوتەن-چېڭدۇ ئارا ئېتىبار باھالىق بېلەتلەر يولغا قويۇلىدىكەن، بېلەت باھاسى 700 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك