• دىلرابانىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دۇنيادىكى مەستانىلەر مۇنداق قىلدى

  • يوللىغۇچى : dilxat
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-04 12:08
  • دىلرابانىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دۇنيادىكى مەستانىلەر مۇنداق قىلدى

    داڭلىق ئارتىس دىلرابا ھەتتا ئارغۇن قىزلارنىمۇ بېسىپ چۈشكۈدەك ھۆسن-جامالغا ئىگە تەبئىي، چىرايلىق بۇ قىزنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، 3-ئىيۇن يەنى بۈگۈن 26 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالغاندا، مەستانىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇپ، ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، پۈتكۈل تورداشلارنى ھەيران قالدۇردى.

    سەنەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، مەستانىلەر بىردەك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرىدا پۇل خەجلەپ ئېلان بەرگەن بولسا، تەيۋەن مەسانىلىرى بىردەك قولىغا دىلرابانىڭ ئىسمى يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەيبېي، تەيجۇڭنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ياپونىيە مەستانىلىرى توكيودىكى 26 ئاشپۇزۇلنىڭ تاماق كۈتۈش قوڭغۇرىقىنى كۆتۈرەگە ئېلىپ، مېھمانلارنىڭ تاماق كۈتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    مىلان مەستانىلىرى ئاپتوبۇستا ئېلان بېرىش شەكلىنى قوللانسا، كورېيە مەستانىلىرى سېئول مېترو بېكىتىدىكى پۈتكۈل تام يۈزى ئېلان ئورنىنى سېتىۋالدى.

    تايلاند مەستانىلىرى بولسا، MBK سودا مەركىزىنىڭ ئېلان تېمىنى سېتىۋېلىپ، دىلرابانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندىكى كۆرۈنۈشىنى قويدى.

    دۆلىتىمىز مەستانىلىرىمۇ بوش كەلمەستىن مەلۇم قەھۋەخانىنىڭ ئىككى ھەپتىلىك ۋاقتىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۈرىتى بېسىلغان ئىستاكاننى ئوتتۇرىغا چىقاردى ھەمدە پۈتكۈل جايىغا ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى چاپلىدى. 

    ئىگىلىنىشىچە، كورېيە، ياپونىيە، باڭكوك ھەمدە مىلان قاتارلىق جايلار دىلراباغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى مىلان ئۇنى ئەڭ چاقناتقان جاي ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تۇنجى قېتىملىق T سەھنە ماھارىتى، مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىگە قاتنىشىش دېگەندەك ھاياتىدىكى كۆپلىگەن مەنىلىك كۈنلەر دەل مۇشۇ جايدا مەيدانغا كەلگەن.

    ھەرقايسى مەستانىلەرنىڭ بۇنچىلىك قوللىشى بىر قىسىم تورداشلارغا يەنە بىر ئالقىشلىق چولپان ۋاڭ جۈنكەينىڭ 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئەسلەتتى. 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى TFBOYSتىكى ۋاڭ جۈنكەينىڭ 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە، مەستانىلەر ئۇنىڭ سۈرىتى بېسىلغان تاختىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان. ئەلۋەتتە، بۇ سوۋغات كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ.

    ۋاڭ جۈنكەينىڭ قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەستانىلەر يەنە ئاتايىن نەچچە باسقۇچلۇق تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى تەييارلىغان. بۇنىڭ بىرىنچىسى دەل «ئالەم بوشلۇقىنى ئايلىنىش خاتىرە سوۋغىسى»، ۋاڭ جۈنكەي ئىلگىرى ئالەمنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى دېگەچ، بىر قىسىم ناخشىلارنى ئېيتقان. شۇڭا، مەستانىلەر ئۇنىڭ سۈرىتىنى بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ: «18 ياشتىكى قەلبىڭىز ئاۋۋالىقدەكلا ساپ، سەمىمىي. شۇڭا، سىزنى تېخىمۇ كەڭرى زېمىنغا باشلاپ باردۇق، قۇرامىغا يەتكىنىڭىزگە مۇبارەك»، دەپ يازغان.

    بۇ قېتىملىق مەستانىلەر تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ھەقىقەتەنمۇ خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان. ئۇلار بەس-بەستە: «زادى قانچىلىك پۇل خەجلىگەندۇ»، «بۇلتۇر دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى تەبرىكلىگەنىدى، بۇ يىل بىۋاستىلا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپتۇ»، «كېيىن قانداقمۇ ئېشىپ كېتەر»، دېيشىكەن.

    مەنبەسى :sina.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك