• ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوپۇس ۋە كىملىككە دائىر 26 خىل كەسىپ توردا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-05 07:09
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوپۇس ۋە كىملىككە دائىر 26 خىل كەسىپ توردا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ

    سۈرەتتە: توردا ئالدىن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان 26 خىل كەسىپنىڭ ئىسخېمىسى

     مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورىغا تايىنىپ، نوپۇس، ئاھالىلەر كىملىك كەسپىگە دائىر 26 خىل كەسىپنى توردا ئالدىن قوبۇل قىلىدىكەن، شەھەر ئاھالىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورى ئارقىلىق كۆرسەتمىلەرنى تەكشۈرۈش، توردا ئالدىن قوبۇل قىلىش، ئىش بېجىرىش جەريانىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدىكەن.

       بۇنىڭدىن بۇرۇن، شەھەر ئاھالىسى بۇرۇنقى ئىسمىنى ئۆزگەرتىشتە نوپۇس دەپتىرى، ئاھالىلەر كىملىكى قاتارلىق ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ نوپۇس كەسىپنى بېجىرىش زالىغا بېرىپ، نومۇر ئېلىپ بېجىرەتتى. ماتېرىيال تولۇق بولماسلىق تۈپەيلى، كۆپ قېتىم قاترايتتى. ئەمدى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورىغا چىقىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن، نوپۇس دەپتەر، ئاھالىلەر كىملىكى قاتارلىق ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنىڭ سىكانىرلانغان نۇسخىسى (扫描文档) نى تورغا چىقىرىپ، توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

        شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» سارىيىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مەركىزى ئۈچ خىزمەت كۈنىدە يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىنى ئەۋەتىدۇ. ئامما قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنى ۋە ئەسكەرتمە بويىچە ئىلتماس ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاپ، ئالدىن كېلىشكەن ۋاقىتتا «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» سارىيى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى B رايونىدىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ نوپۇس، ئاھالىلەر كىملىكىنى بېجىرىش كۆزنىكىدە كەسىپ بېجىرسە بولىدۇ.

        -بۇ، نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالاقە تورى ئارقىلىق نوپۇس، ئاھالىلەر كىملىكىگە دائىر كەسىپلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىشى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا پۈتكۈل شەھەردىكى %80 نوپۇس كەسپىنىڭ ھەممىنى توردا ئالدىن قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ،-دېدى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى كىملىك چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى سۈي يۆرۇڭ.

       ئالدىن قوبۇل قىلىش توردا ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن كۆزنەككە بېرىپ كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىشنى كۆرسىتىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك