• دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى بازار باھاسى رەت تەرتىپى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 02:28
  • دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى بازار باھاسى رەت تەرتىپى

    گېرمانىيە «يۆتكىلىش بازىرى تورى» يېقىندا بۇ يىل دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان 32 دۆلەت كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ بازار باھاسى رەت تەرتىپىنى رەتلەپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ يېڭى قارارلىق توپچىلارنىڭ بازار باھاسى باھالىشىنى يېڭىلىغان، مېسسى بىلەن نېيمار بۇ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، سالاھ ئۇلارنىڭ كەينىگىلا تىزىلغان، كىرىستىيانو رونالدو، ئاللى، كوتىنھو، گىرېزمان قاتارلىق ماھىرلار بىلەن بىرلىكتە توققۇزىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

    دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ بازار باھاسى رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 10 ماھىر:

    1-مېسسى (ئارگېنتىنا) بازار باھاسى: 162 مىليون فوندستېرلىڭ

    2-نېيمار: (بىرازىلىيە) بازار باھاسى: 162 مىليون فوندستېرلىڭ

    3-سالاھ (مىسىر) بازار باھاسى: 135 مىليون فوندستېرلىڭ

    3-دېبرۈينى (بېلگىيە) بازار باھاسى: 135 مىليون فوندستېرلىڭ

    3-خاررى كېن (ئېنگلاند) بازار باھاسى: 135 مىليون فوندستېرلىڭ

    6-مىباپپې (فىرانسىيە) بازار باھاسى: 108 مىليون فوندستېرلىڭ

    7-دىبالا (ئارگېنتىنا) بازار باھاسى: 99 مىليون فوندستېرلىڭ

    7-خازارد (بېلگىيە) بازار باھاسى: 99 مىليون فوندستېرلىڭ


    9-ئاللى (ئېنگلاند) بازار باھاسى: 90 مىليون فوندستېرلىڭ

    9-كوتىنھو (بىرازىلىيە) بازار باھاسى: 90 مىليون فوندستېرلىڭ

    بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپتە 11-ئورۇندىن 20-ئورۇنغىچە تىزىلغان توپچىلار تۆۋەندىكىچە:

    9-گىرېزمان (فرانسىيە) بازار باھاسى: 90 مىليون فوندستېرلىڭ

    9-رونالدو (پورتۇگالىيە) بازار باھاسى: 90 مىليون فوندستېرلىڭ

    13-ستېرلىڭ (ئېنگلاند) بازار باھاسى: 81 مىليون فوندستېرلىڭ

    13-پوگبا (فرانسىيە) بازار باھاسى: 81 مىليون فوندستېرلىڭ

    13-لۇكاكۇ (بېلگىيە) بازار باھاسى: 81 مىليون فوندستېرلىڭ

    13-لېۋاندوۋسكى (پولشا) بازار باھاسى: 81 مىليون فوندستېرلىڭ

    13-مىلىنكوۋىچ (سېربىيە) بازار باھاسى: 81 مىليون فوندستېرلىڭ

    18-تونى كروس (گېرمانىيە) بازار باھاسى: 72 مىليون فوندستېرلىڭ

    18-فىرمىنو (بىرازىلىيە) بازار باھاسى: 72 مىليون فوندستېرلىڭ 

    18-ئېرېكسون (ئېنگلاند) بازار باھاسى: 72 مىليون فوندستېرلىڭ

    يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، بۇسكىس (ئىسپانىيە)، ئوسمان دېمبېلې (فىرانسىيە)، ئاگۈيرو (ئارگېنتىنا)، خېسۇس (بىرازىلىيە) قاتارلىق ماھىرلارمۇ ئوخشاشلا 72 مىليون فوندستېرلىڭ بازار باھاسى بىلەن 18- ئورۇنغا تىزىلغان، ئاسېنسىئو (ئىسپانىيە) بولسا بۇ رەت تەرتىپتە 25-ئورۇنغا تىزىلغان.

    مەنبەسى :qq.cm


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك