• رونالدو سەككىز نۆۋەت دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزدى

  • يوللىغۇچى : ئەكبەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:38
  • رونالدو سەككىز نۆۋەت دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزدى

    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى رۇسىيەگە بېرىپ بولغان بولۇپ، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇمۇ ھەم پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ غوللۇق ھۇجۇمچىسى كىرىستيانو رونالدونىڭ توققۇزىنچى قېتىم پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنياۋى چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قاتناشقان سەككىز نۆۋەتلىك دۇنياۋى چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەر نۆۋەتلىكىدە رونالدو ئاز دېگەندىمۇ بىر توپ كىرگۈزگەن.

    رونالدونىڭ سەككىز نۆۋەت دۇنياۋى چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزۈش سانلىق مەلۇماتى:

    2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى ئىككىنچى بولغان.

    2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو بىر توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى تۆتىنچى بولغان.

    2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو بىر توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن.

    2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو بىر توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن.

    2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى تۆتىنچى بولغان.

    2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو بىر توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقالمىغان.

    2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغان.

    2017-يىللىق قىتئەلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسى: رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۈچىنچى بولغان.

    2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، رونالدو ناۋادا توپ كىرگۈزەلىسىلا، ئۇنداقتا ئۇدا توققۇز نۆۋەت دۇنياۋى چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزۈش رېكورتى يارىتىدىكەن.

    مەنبەسى :جىبوبا تورى nur.,cn


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك