• جېن زىدەننىڭ سىڭلىسى قانچىلىك يامان؟

  • يوللىغۇچى : adila
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:23
  • جېن زىدەننىڭ سىڭلىسى قانچىلىك يامان؟

    جۇڭگو گۇمپا ساھەسىدە ئەڭ كۈچلۈك كىشى دېيىلسە چوقۇم لى شياۋلوڭ بىرىنچى قاتارغا تىزىلىدۇ، كېيىن لياڭ شياۋلوڭ، چېڭلوڭ، خوڭ جىنباۋ، لى ليەنجيې، جېن زىدەن، جاۋ ۋېنجو قاتارلىقلار كەينىدىن تىزىلىدۇ، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ گۇمپا ساھەسىدە دەۋىر سۈرگەن كىشىلەر. بەزىلەر يەنە ياڭ زىچيوڭ، ياڭ لىجىڭ، لى سەيفېڭ قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئالىدۇ، لېكىن ئايال چولپانلار ئىچىدە گۇمپىسى ئەڭ قالتىس بولغىنىنىڭ ئىسمىنى دېمەي تۇرايلى، ئۇنىڭ ئاكىسى «كائىناتتىكى ئەڭ كۈچلۈك»، ئانىسى بولسا تېخىمۇ داڭلىق گۇمپىچى مەي باۋچەن، شۇنداقلا ئامېرىدىكى تۇنجى ھازىرقى زامان گۇمپا تېرىنىرى.

    جۇڭگولۇق بۇ گۇمپىچى ئايال چولپان گىگانىت چولپان جېن زىدەننىڭ سىڭلىسى جېن زىجىڭ، نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ نامى بەك مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سىڭلىسىنىڭ نامى باسۇرۇلۇپ قالغان.

    گەرچە ئۇنىڭ داڭلىنىشى ئاكىسىغا يەتمىسىمۇ لېكىن جېن زىدەندىن گۇمپا جەھەتتە كىم ئەڭ يامان دەپ سورالسا، ياكى جېن زىدەن كىمنى يېڭەلمەيدۇ دېيىلسە چوقۇم جېن زىجىڭ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. جېن زىجىڭنىڭ گۇمپىسى بەك قالتىس، ئۇ تەيجى گۇمپىسى بىلەن تەيجى قىلىچ ماھارىتىگە ھەممىدىن ئۇستا، چۈنكى ئۇنىڭ گۇمپا ئاساسى ياخشى بولغاچقا جوۋ جيېلۇنمۇ سۈرەتلىك ناخشا ئىشلىگەندە ئۇنى ھەرىكەت يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان.

    جېن زىدەن ئامېرىكىدا نۇرغۇن فىلىم ئىشلىگەن، مەسىلەن: «رازۋېتچىك مالوڭ»(侦探马龙)،«قارا ۋە تەنناز كۈنلەر»(黑色与性感的好日子)، «تەۋەككۈل شاھى زۇننى»(冒险王尊尼)، «گۇمپا گىتارى»(功夫吉他) قاتارلىق فىلىملەر، يەنە بىر قىسىم يانداش رول ئالغان فىلىملەرمۇ بار، ئۇنىڭ فىلىمدىكى گۇمپىسىغا نۇرغۇن ھوللىۋود چولپانلىرى ناھايىتى قايىل بولغان.

    لېكىن جېن زىجىڭنىڭ مۇھىم خىزمىتى ئارقا سەپتە، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كىنو شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، تۇرمۇشتا ئۇ تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئايال، ئاللىقاچان 44 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇزۇن يىللىق تەنھەرىكەت ھاياتى ئۇنىڭغا قېرىغىنىغا تەن بەرمەس تەن ۋە چىراي ئاتا قىلغان.

    مەنبەسى :sina.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك