• فەن بىڭبىڭ بىلەن لى چېنغا ئالاقىدار يېڭى پىتنە-پاسات ئىنكار قىلىندى

  • يوللىغۇچى : dilara
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:01
  • فەن بىڭبىڭ بىلەن لى چېنغا ئالاقىدار يېڭى پىتنە-پاسات ئىنكار قىلىندى

    8-ئىيۇن كەچ توردا فەن بىڭبىڭ بىلەن لى چېننىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدىكى تەۋەلىكى ۋە نوپۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نامىدىكى ئالتە مىليارد 870 مىليونلۇق مال-مۈلۈكىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا يۆتكىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى. 

    بۇنىڭغا قارىتا، لى چېن مەستانىلەر ئۆمىكى ئېنىقلىما بېرىپ، لى چېننىڭ مەلۇم ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىغا قاتناشقان سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ پۈتۈن بىر كۈن پىروگىرامما سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىدا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

    تورداشلار: «توختىماستىن ئۆسەك-سۆز تارقىتىشنىڭ خۇشاللىقى زادى نەدە؟»، «كۆپچىلىك، ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ، گازىر چېقىڭلار، خەق پىروگىرامما سۈرەتكە ئېلىۋېتىپتىغۇ»، «بىر ئىشلارغا ئەقلىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار»، دېيىشتى.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك