• دۇنيا لوڭقىسىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان 10 ياش چولپان

  • يوللىغۇچى : dilara
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-11 03:45
  • دۇنيا لوڭقىسىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان 10 ياش چولپان

    2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان 736 نەپەر پۇتبولچىلار ئىچىدە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن دۇنياغا تونۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار كۆپلىگەن يېڭى ھەم ياش ماھىرلار بار، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش ماھىر باھالاش قائىدىسىگە ئاساسەن بارلىق 21 ياشتىن تۆۋەن توپچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، بۇ ماھىرلار ئىچىدە ئاللىقاچان دۇنياغا تونۇلغان چولپانغا ئايلانغىلى خېلى بولغان ماھىرلارمۇ بار، يەنە بەزىلەرنىڭ ئىسمى كۆپچىلىككە ئانچە تونۇش ئەمەس، تۆۋەندە نۇرداشلارغا رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان 21 ياشتىن تۆۋەن 10 ياش چولپاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    10-ۋىلفرېد ندىدى: (Wilfred Ndidi، نىگېرىيە) 21 ياش

    كانتېنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئورنىنى تولۇقلىماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەمما ۋىلفرېد ندىدىنىڭ لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسىدا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىشى تامامەن لاياقەتلىك دېيىشكە بولىدۇ، 2017-يىلى 1-ئايدا لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى 17 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن بېلگىيە بىرلەشمىسىدىكى گېنك كۇلۇبىدىن بۇ نېگىرىيەلىك ياش ئارقا بەل ماھىرىنى كوماندىغا قوشۇۋالغان، ئۆتكەن بىر يېرىم يىل ئىچىدە ندىدى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كوماندىغا ۋاكالىتەن 61 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ تۆت توپ كىرگۈزۈپ، ئاللىقاچان «كۆك تۈلكە قوشۇنى»نىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىگېرىيە دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئەڭ مۇھىم توپچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا مەيداندا تازىلاش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپلا قالماستىن، يەنە قالتىس ھۇجۇم قىلىش تالانتىغا ئىگە.

    9-يۇرى تېلېمانس: (Youri Tielemans، بېلگىيە) 21 ياش

    يۇرى تېلېمانس ئۆزىدە ئوتتۇرا مەيدان پېشىۋاسى ھازىرلاشقا تېگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغان ماھىرلارنىڭ بىرى، ئۇ سەگەك كاللا ۋە ئۈستۈن ماھارەتلىك پۇت تېخنىكىسىغا ئىگە، ئۇ ئاندېرلېخت كوماندىسىدا توپ تەپكەن تۆت مۇسابىقە پەسلىدە ئارقا بەل ئورنىدا ئويناپ، 35 توپ كىرگۈزگەن، ئۆتكەن يىلى يازدا 25 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى موناكو كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، يېڭى كوماندىدا ئۇ ئوتتۇرا مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىگە يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېڭى ئورۇندا ئوخشاشلا دۇنياۋى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى، يۇرى تېلېمانس تۇنجى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چۈشكەن ۋاقتىدا ئارانلا 16 ياش 148 كۈنلۈك بولغان بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياش مەيدانغا چۈشكەن بېلگىيەلىك ماھىر ھېسابلىنىدۇ، يۇرى تېلېمانس بۇ يىل يازدا بېلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى مارتىنىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەيدان ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ماھىر بولۇش ئۈچۈن بەلكىم تەييارلىنىپ بولدى.

    8-ئالبېرت گومۇندسون: (ئىسلاندىيە) 20 ياش

    ئالبېرت گومۇندسون بولسا گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى ئېندخوۋېن كوماندىسىدا ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلىۋاتقان بىر يېڭى يۇلتۇز، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئەمدىلا كۇلۇبنىڭ بىرىنچى كوماندىسىغا ئۆرلىگەن بولۇپ، گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى 100 مىنۇتتىن ئارتۇقراق مەيدانغا چىقىش ۋاقتى ئىچىدە، بۇ يان يولدىكى ياش ماھىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈچ قېتىم ياردەم پاس بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ تېخى قاپقا ئالدىدىكى تالانتلىق ئاخىرلاشتۇرغۇچى. ئىسلاندىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، ئۇ كۈنى بولسا ئالبېرت گومۇندسوننىڭ 21 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئۇمۇ بەلكىم شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىشى مۇمكىن.

    7- گونچالو گېدېس: (Gonçalo Guedes، پورتۇگالىيە) 21 ياش

    ناھايىتى مۇكەممەل توپ ئوينىتىش ماھارىتىنى ئىگەللىگەن گېدېس ئۆز كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى ئوق بېشى بولغان ماھىرغا ئۆلچەملىك پاس يەتكۈزۈش شەرتىنى ھازىرلىغان ماھىر ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كوماندىدا ئۇنىڭغا كىرىستيانو رونالدونىڭ يېنىدىنمۇ مۇۋاپىق ئورۇن بەلكىم چىقماسلىقى مۇمكىن، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدىن ۋالېنسىيە كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن گېدېس ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى ياخشى نامايەن قىلدى، 33 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بەش توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 11 ياردەم پاس بېرىشتەك نەتىجە يارىتىپ، ۋالېنسىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى قوينىغا قايتىپ كېلىشىدىكى مۇھىم تۆھپىكارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، شۇ سەۋەبلىك «ئۆمۈچۈك قوشۇنى» ئۇنى سېتىۋىلىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلماقتا، ئەمما دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بەلكىم ئۇنىڭ بازار باھاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىشى مۇمكىن.

    6-ترېنت ئارنولد: (Trent Alexander-Arnold-ئېنگلاند) 19 ياش

    ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ترېنت ئارنولد ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈپ، لىۋېرپول كوماندا تارىخىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشكەن ئەڭ ياش توپچىغا ئايلانغان، 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بىراقلا لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئوڭ يان بېك ئورنىنى مۇقىملىغان ھەمدە ئېنگلاند كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى چوڭ تىزىملىكىگە تاللانغان، مۇداپىئە سېپىدە ترېنت ئارنولدنىڭ كاللىسى سەگەك، ئۇنىڭ پۇت سېلىش پۇرسىتى كۆپ ھاللاردا باشقىلارغا قارىغاندا ناھايىتى توغرا چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇداپىئە ئېڭى ناھايىتى يۇقىرى، توپنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئۇنىڭ ئىپادىسى خۇددى تەجرىبىسى مول، پېشقەدەم ماھىرلارغا ئوخشايدۇ.

    5-ئوسمان دېمبېلې: (فرانسىيە) 21 ياش

    ئۆتكەن يىلى يازدا دېمبېلې 105 مىليون ياۋرولۇق يۇقىرى يۆتكىلىش باھاسى بىلەن دورتموند كۇلۇبىدىن بارسېلونا كوماندىسىغا يۆتكەلگەن چېغىدىلا، دۇنيا پۇتبول ساھەسىنىڭ مەركىزىي سەھنىسىگە مەزمۇت قەدىمىنى ئېلىپ بولغان، فرانسىيەلىك يان يولدىكى بۇ ياش ماھىر، تەڭپۇڭ ئوڭ-سول پۇت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كىچىك بوشلۇقلاردىن بۆسۈپ چىقىشتىمۇ يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە ئىدى، ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە يارىلىنىش سەۋەبلىك بارسېلونا كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ بارلىق ماھارىتىنى نامايەن قىلالمىدى، مۇشۇنداق شارائىتتا مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، دېمبېلې ئۆزى مەيدانغا چۈشكەن مۇسابىقىلەردە كىشىلەرگە ئۈمىد بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا دېمبېلې فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى دېسچامپىس قولىدىكى يان يولدىكى كۈچلۈك ھۇجۇم قورالىغا ئايلىنالايدۇ.

    4-رودرىگو بېنتانكۇر: (Rodrigo Bentancur-ئۇراگۋاي) 21 ياش

    بىر يىل بۇرۇن بېنتانكۇر ئارگېنتىنا بىرلەشمىسى بوكا ياشلار كوماندىسىدىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، گەرچە ئۇ ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە «ياۋا تاغىل ئات قوشۇنى»غا ۋاكالىتەن بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تالانتى يەنىلا كۆمۈلۈپ قالمىدى، رودرىگو بېنتانكۇر بولسا بىر ئومۇمىيلىققا ئىگە ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى، ئۇنىڭ تېخنىكىسى ياخشى، ياخشى بەدەن ساپاسىغا ئىگە، يەنە كېلىپ ئىنتايىن تىرىشچان، ئۇ ئوتتۇرا مەيداننىڭ ھەر قانداق يېرىدە توپ ئوينىيالايدۇ، ئۇنىڭ تەڭپۇڭ ئوڭ-سول پۇت ماھارىتىمۇ بار، دائىم دېگۈدەك كىچىك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق باشقىلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدۇ، سۇئارېز بىلەن كاۋانىغا ئوخشاش داڭلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ كەينىدە بېنتانكۇرغا ئوخشاش پۇرسەت يارىتىشقا ماھىر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرىنىڭ بولۇشى ئۇراگۋاي كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

    3-ماركۇس راشفورد: (ئېنگلاند) 20 ياش

    ئۆزىنىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ۋە ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسىدىكى قاتناشقان مۇسابىقىلىرىدە توپ كىرگۈزگەن راشفورد ئوخشاشلا ئېنگلاند 21 ياشلىقلار كوماندىسى ۋە ئېنگلاند چوڭلار دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈپ، قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، ماركۇس راشفورد مانا مۇشۇنداق ئومۇمىيلىققا ئىگە توپچى، گەرچە ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە ئەزەلدىن ھودۇقمايدۇ، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئاللىقاچان دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ بولغان راشفورد 2004-يىلدىكى رونىيدىن ئېشىپ، 18 ياش 229 كۈنلۈك يېشى بىلەن ئېنگلاند كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ ياش ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان توپچىغا ئايلاندى، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدا ئۇ كۆپىنچە يان يولدا توپ تېپىدۇ، ئەمما ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدا ئۇ قوش ھۇجۇمچى ئىشلىتىدىغان سەپ شەكلىدە خارري كېننىڭ يېنىدىكى يانداش ھۇجۇمچى بولۇشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ، يېقىندا كوستارىكا كوماندىسى بىلەن ئوينالغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە راشفورد يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر توپ كىرگۈزۈپ، كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    2-خېسۇس: (بىرازىلىيە) 21 ياش

    گەرچە خېسۇس ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان پېشقەدەم توپچىغا ئايلانغان، چۈنكى ئۇ پۇتبول ساھەسىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈلۈش دائىرىسى ئىچىدە يۈرۈۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى، ئۇ دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇب بىرىنچى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 150 مەيدان مۇسابىقىنى تاماملاپ بولدى، ئۇ يېقىندا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، كۇلۇب كوماندىسىدا ئاگۈيرونى زاپاس ئەزالار قاتارىغا چىقارغانلىقىنىڭ ئۆزىلا خېسۇسنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، 2016-يىلى يازدا، ئۇ بىرازىلىيە كوماندىسىغا ھەمكارلىشىپ، كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بىرازىلىيە كوماندىسىدا تالانتلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچى كەمچىل بولغىلى ئۇزۇن يىللار بولغانلىقتىن، خېسۇسنىڭ پەيدا بولۇشى بىرازىلىيە توپ مەستانىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ئاتا قىلدى، كوماندىدىكى نېيمار، ۋىللىيام، كوتىنھو قاتارلىق تالانتلىق توپچىلار ئارىسىدا خېسۇسقا توپ ئۇرۇش پۇرسىتى چوقۇم كەم بولمايدۇ.

    1-مىباپپې: (فرانسىيە) 19 ياش

    ئۆتكەن يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا مىباپپې 180 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا يۆتكەلدى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا ئوخشاش دەرىجىدە باھا قويغان كۇلۇبلاردىن يەنە خانلىق مادرىد كۇلۇبىمۇ بار ئىدى، گەرچە ئۆتكەن يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا ھەمكارلىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق چېمپىيونلۇقلارنى مونوپول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا مىباپپېنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىدى، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مىباپپې ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەقىقى تالانتىنى تولۇق نامايەن قىلالايدىغان بىر سەھنە ھېسابلىنىدۇ، تالانتلىق ھۇجۇمچىلار ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدە بۇ يىل ئاران 19 ياشقا كىرگەن مىباپپېنىڭ ئاساسلىق ئەزالىق سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى چوڭ، مىباپپېدىكى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك پارتلاش كۈچى ۋە شۇنداقلا يۇقىرى بۆسۈش ئىقتىدارى بىلەن قاپقا ئالدىدىكى ئىنتايىن ياخشى قاپقىغا توپ تېپىش تېخنىكىسى ھەمىشە قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەچىلىرىنى ئاسانلىقچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەتتا فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە زادى قانچىلىك يىراققا ماڭالايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك