• رونالدو: چېنىقىش مېنى كۈچلەندۈردى ھازىرمۇ ئالداپ ئۆتەلەيمەن

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-12 01:42
  • رونالدو: چېنىقىش مېنى كۈچلەندۈردى ھازىرمۇ ئالداپ ئۆتەلەيمەن

    رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى يەنە بىر ھەپتىمۇ قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىدۇ، كىرىستىيانو رونالدومۇ بىر ھەپتىتىدىن بۇيان پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرگە مەشىق قىلغان بولۇپ، پات ئارىدا كېلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلغان. يېقىندا، ئۇ «Unisport»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا چېنىقىش جەھەتتىكى بەزى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

    قاۋۇل بەدىنى توغرىسىدا: «مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا سىستېمىلىق مەشىق قىلغان، باشتا چېنىقىش زالىغا بېرىشتىكى سەۋەبىم ئويۇن ئۈچۈن ئىدى، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدىنىنىڭ تېخىمۇ قاۋۇللىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن چېنىقىشقا تېخىمۇ بېرىلدىم.»

    ئۆزىنىڭ ياخشى بەدەن ساپاسىنىڭ ئىرسىيەت قېلىشى توغرىسىدا: «ئاتا-ئانام ماڭا ئىنتايىن ياخشى بولغان تەنھەرىكەت گېنى ئاتا قىلدى، بۇ ھەممىدىن مۇھىم. لېكىن، مېنىڭچە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى يەنىلا مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى سىز تىرىشمىسىڭىز ھەرقانچە ياخشى گېنىڭىز بولسىمۇ ھېچنىمىگە كار قىلمايدۇ.»

    بەدەن ساپاسىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن ياردىمى توغرىسىدا: «مېنىڭ چېنىقىشنى باشلىشىمدىكى ئويۇم ئىنتايىن ئاددىي ئىدى، يەنى تېخىمۇ قاۋۇل بولۇش، مەن ئۆزۈمنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇل سىزىقچىلىرىغا قاراپ خۇشال بولۇپ كېتىمەن. كېيىن مەن قاۋۇل بەدىنىمنىڭ پۇتبول مەيدانىدا مېنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. پۇتبولدا تۇغما تالانت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزدىكى بىردىنبىر ئاساسلىق ئامىل ئەمەس، ئەمەلىيەتتە قاۋۇل بەدەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم، مەن بۇ بەدىنىم ئارقىلىق مۇسابىقىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيمەن.»

    ئۆزىنىڭ دائىم مۇسكۇلىنى كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا: «ھازىرغىچە مېنىڭ چېنىقىش زالىغا بېرىشتىكى مەقسىتىم سۈرەتكە چۈشۈش بولۇپ باقمىدى، ئەلۋەتتە مۇسكۇللىرىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس. مېنىڭ بۇنچە چېنىقىشىمدىكى سەۋەب پۇتبول ھاياتىمنى تېخىمۇ قالتىس قىلىش ئۈچۈن. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان مەن بىر نۇقتىغا ئىشىنىپ كەلدىم، قاۋۇل بەدەن مېنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلالايدۇ.»

    ئۆزىنىڭ مۇسابىقە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا: «سىز مەڭگۈ ۋاقىت، ياش بىلەن دۈشمەنلىشىپ بولالمايسىز، شۇڭا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەن چوقۇم بەزى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشۈم كېرەك. لېكىن، ئۇسلۇبنىڭ ئۆزگەركەنلىكى مېنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش ئىقتىدارىمدىن ئايرىلغانلىقىمنى بىلدۈرمەيدۇ، مەن ھازىرمۇ توپنى ئېلىپ ئالداپ ئۆتەلەيمەن، بەزى ۋاقىتلاردا بەزى تېخنىكىلارنىمۇ چىقىرالايمەن. كۆپ يىللار ئىلگىرى مەن توپ ئېلىپ مېڭىشقا ۋە باشقىلارنى ئالداپ ئۆتۈشكە ئامراق ئىدىم، لېكىن ئالتە-يەتتە يىل ئىلگىرى مەن ھەممىدىن مۇھىمىنىڭ كوماندىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، مەن توپ كىرگۈزسەم كوماندا غەلىبە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا كوماندا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.»

    خانلىق مادرىد تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن بولغانلىقى توغرىسىدا: «بۇنىڭ ئۇسلۇبۇمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى بىلەن قۇيۇق ئالاقىسى بار. مەن مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى ۋاقتىمدا مۇتلەق يان ھۇجۇمچى ئىدىم، ئەينى ۋاقىتتا مەن توپنى ئېلىپ مېڭىشقا، بۆسۈپ كىرىشكە ۋە توپ تاشلاشلارغا مەسئۇل ئىدىم، لېكىن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن مېنىڭ قاپقا بىلەن بولغان ئارىلىقىم تېخىمۇ يېقىنلاشتى، كىرگۈزگەن توپۇممۇ كۆپەيدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەن توپ كىرگۈزۈشنىڭ ئەڭ قالتىس ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك